ئاق پارپا
ئاق پارپا ئەسلى ئۆسۈملۈكى جەدۋارچىندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار . 1. تۇزلۇق جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ بولۇپ تىلنى قورۇيدۇ، پۇراقسىز 2. ئارا جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى قارامتۇل، مايلىق، پارقىراق، تەمى سۇس پۇراقسىز. 4. ئاق جەدۋار ھەممە يېرى ئاقۇش ، تەمسىز كېلىدۇ. پۇرىقى سۇس. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «جەدۋارچىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاق پارپا ئەسلى ئۆسۈملۈكى جەدۋارچىندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار .
1. تۇزلۇق جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ بولۇپ تىلنى قورۇيدۇ، پۇراقسىز
2. ئارا جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى قارامتۇل، مايلىق، پارقىراق، تەمى سۇس پۇراقسىز.
4. ئاق جەدۋار ھەممە يېرى ئاقۇش ، تەمسىز كېلىدۇ. پۇرىقى سۇس. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «جەدۋارچىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاق پارپا ئېيىقتاپانلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ ئۆسۈملۈكى تولۇق يېتىلگەندە كولاپ ئېلىپ يېغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن، شەنشى، شىمالى شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
1. 3 گىرام جەدۋارنى ئېزىپ تالقان قىلىپ، 10 گرام داۋايى مىشكىگە قوشۇپ، كۈندە 1~2 گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە يۈرەك ئاجىزلىق، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ.
2. جەدۋارنى زەيتۇن يېغىغا سۈرۈپ ، مەلھەم تەييارلاپ سىرتىدىن يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا ، پالەچ ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ .
3. جەدۋارنى سۆلەپ شەقاقۇل، ئاقىرقەرھالاردىن تەڭ مىقداردا ئىلىپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە جىنسى ئاجىزلىققا شىپا قىلىدۇ .
4. جەدۋارنى سىركىگە سۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ ئۇۋىلاپ بەرسە، بوغۇم ئۆسۈكچە كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ .
ھەببى جەدۋار
سۇلۇق ئىششىق، پالەچ، ئىستىرخا، پەي مۇسكۇللار بۇششىش، جىنسىي ئاجىزلىق، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
تەركىبىدە مىساكونتىن (mesaconitine) خىپا كونتىن (Hypacointine), ئاكونتىن (aconitine)، كاراكولىن (karakoline) قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.