سۈن خۇڭلېي

سۈن خۇڭلېي

سۈن خۇڭلېي 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەر ئارتىسى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۈن خۇڭلېي
باشقا نامى 三狼、红雷、小雷
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 孙红雷
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى
يۇلتۇز تۈركۈمى ئارسلانلىق تەختى يۇلتۇز تۇركۈمى
قان تىپى O تىپلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈن خۇڭلېي1970-يىلى سۈن خۇڭلېي خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى سۈن خۇڭلېي بىر قەدەر شوخ، چاقماق ئۇسسۇلىنى ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرستىن قېچىپ خاربىن ياشلار سارىيىغا بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. 1988-يىلى چۇڭچىڭغا كىلىپ خۇڭلېي مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك چاقماق ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كېيىن جۇڭگو ئوپېرا ۋە ئۇسسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ چاقماق ئۇسسۇلى چولپانلار سەنئەت ئۆمىكىگە كىرگەن. 

سۈن خۇڭلېي1998-يىلى،شۈن خۇڭلېي زى خەييەننىڭ «مەڭگۈ كۆزى ئوچۇق» فىلىمىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن. 1999-يىلى، سۈن خۇڭلېي فىلىم «ئاتا-ئانام» فىلىمىدە تۇنجى رول ئېلىپ رەسمىي ھالدا كىنو ساھاسىگە كىرگەن.

2000-يىلى «ئۈچ مو ئوپېرا»دا رول ئېلىپ، 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو درامما مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ شۇ يىلى پائالىيەتكە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تۇمان، يامغۇر، شامالشا ئوخشايدۇ» تىياتىرىدا ئالەينىڭ رولىنى ئېلىپ نام قازانغان.

2003-يىلى ساقچىلار بىلەن قاراقچىلارنىڭ تىياتىرى «بويسۇندۇرۇش»تا رەھىمسىز غالجىرانە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشى ليۇۋ خۇاچياڭنىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى «جويۈنىڭ پويىزى» 10-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2004-يىلى رېئال جىنايى ئىشلار ساقچىسى دېلو بېجىرىش تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەن قەھرىمان ئەمەس»تە رول ئالغان؛ شۇ يىلى جۇڭگو «ياڭراق ھەربىي كۈيلەر» ناملىق تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئەڭ كەڭ ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئون مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2005-يىلى جېن زىدەن، لى مىڭ،جىڭچۇ بىرلىكتە باش رول ئالغان شۈ كې رېژىسسورلۇق قىلغان قەدىمكى كىيىم پالۋانلىق «يەتتە شەمشەر»دە رول ئالغان.

2006-يىلى سۈن خۇڭلېي ۋە چېن شياۋيى رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يېرىم ئەر-خوتۇن» قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈلۈش نىسپىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان، بۇ فىلىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى بوران-چاپقۇن مۇراسىمى تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان 2005-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ۋىلايەت تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش نىسبىتى 50 كۈچلۈك تىزىملىكىدە رەت تەرتىپى 4-ئورۇندا تۇرغان. 

2007-يىلى، ليۇ پېيچى بىلەن چېن شاۋيى بىرلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھۈنەرۋەن»دە باش رول ئالغان، مۇھەببىتىمۇ ھەم نەپرىتىمۇ بولغان ياڭ لاۋسەننىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى نازارەت قىلىپ ئىشلىگەن كىنو «جەننەت ئېغىزى»دا، باش رول ئالغان، جەننەت كېچىلىك كۇلۇب خوجايىنى خوڭ گېنىڭ رولىنى ئالغان.

2008-يىلى، باش كۈرىشى تىياتىرى «يوشۇرۇنۇش»دا تاشقى قىياپىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى تىل ياغلىمىچىلىق، لېكىن كۆڭلى قەيسەر كومپارتىيە ئەزاسى يۈ بەيچېڭنىڭ رولىنى ئالغان؛ 12-ئايدا سۈن خۇڭلېي رول ئالغان كىنو «مېي لەنفاڭ» پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلغان، ئۇ تىياتىردىكى مېي لەنفاڭنىڭ ۋاسىتىچىسى چيۇ رۇبەينىڭ رولىنى ئالغان. 

2010-يىلى 3-ئايدا، يېغىلىق دەۋرى ئاساسىي تېما قىلىنغان فىلىم «يېغىلىق دەۋرى»دە باش رول ئالغان، يېغىلىق دەۋرىدىكى ھەربىي ئالىم سۈن بىننىڭ رولىنى ئالغان؛ 9-ئايدا، فىڭ شياۋگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان مۇھەببەت كومېدىيىلىك كىنو 2 «سەمىمىي بولمىسىڭىز ئاۋارە قىلماڭ»نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان. 

2011-يىلى، گۇ تيەنلې بىلەن يۈنشاڭنى دۇچىفېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «زەھەر ئۇرۇشى»دا بىرلىكتە باش رول ئالغان، ئۇ زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ لېينىڭ رولىنى ئالغان. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى باش رول ئالغان كىنو «ئومۇمىي خەلق» پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلغان. 11-ئايدا شاڭخەيگە بېرىپ باۋگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنودا رول ئالغان. 

2009-يىلى سۈن خۇڭلېي قىز دوستى بارلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سۈن خۇڭلېي مىكرو بىلوگدا ۋاڭ جۈندى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

سۈن خۇڭلېي«ئۆسمۈرلەر سىنىپى» 

«كونتاكت» 

«ئومۇمىي خەلق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن» 

«زەھەر جېڭى» 

«چېگرا بوران-چاپقۇنى»  

«خالاش»  

«ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» 

«ئەپەندىم» 

«ئوۋچىلىق مەيدانى» 

«ياش دوختۇر» 

«ئەرلەر گوروھى» 

«كىشىلىك تۇرمۇش يولى ئەگرى-توقاي»

«يوشۇرۇنۇش» 

«يان تېلىفونىڭىزنى ئېچىۋېتىڭ» 

«ئۇستام» 

سۈن خۇڭلېي2007-يىلى 1-ئايدا، سۈن خۇڭلېي «2006-يىللىق جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى»دە مۇكاپات تارقاتقۇچىلىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. 

2009-يىلى 10-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈن «قاتناش بىخەتەرلىك تەشۋىقات خادىمى» دېگەن گۇۋاھنامىنى تارقاتقان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇنجى بولۇپ قاتناش بىخەتەرلىك جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقات چولپان بولغان. 

2010-يىلى 12-ئايدا، مۇھەببەت فوند جەمئىيىتى مۇھەببەت يۇلتۇزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2011-يىلى 9-ئايدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك BAZAAR چولپان خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. 2012-يىلى 12-ئايدا، خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار بېليارت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

سۈن خۇڭلېي 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، شاڭخەي دېسنىي ئېچىلىش مۇراسىمى يىغىنغا قاتناشقان. 

كىنو-تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى 

2015-يىلى 11-ئايدا، 13-نۆۋەتلىك سىچۈەن تېلېۋىزىيە بايرىمى ئالتۇن مۈشۈكېيىق مۇكاپاتىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2015-يلى 11-ئايدا، 52-نۆۋەتلىك كورىيە كىنوسىنىڭ چوڭ قوڭغۇراق مۇكاپاتى چەت ئەلدىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 10-ئايدا، 14-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2013-يىلى 12-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك لوندون خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2010-يىلى 9-ئايدا، 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 9-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2010-يىلى 9-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت سەنئەت بايرىمى ئەڭ كۆپ ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2009-يىلى9-ئايدا، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2009-يىلى 6-ئايدا، 15-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى 3-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2007-يىلى 6-ئايدا، 13-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى مۇكاپاتىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2004-يىلى 8-ئايدا، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئىتى قوش ئون مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

2004-يىلى 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2003-يىلى 5-ئايدا، 10-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

تىياتىر مۇكاپاتى 

2000-يىلى 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو دراممىسى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

1999-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 

1997-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئۇنىۋېرسال مۇكاپات تۈرى

2009-يىلى مودا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىللىق ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئويۇن قويۇشتىكى داڭلىق شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى ، 2009-يىللىق شەرق كىنو-تېلېۋىزىيە داڭدار مۇراسىمىدا كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2008-يىللىق سوخۇدىكى ئەر چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008 يىللىق سوخۇ كۆڭۈل ئېچىشتا يىللىق ئەر چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىللىق تېڭشۈن يۇلتۇز ئەڭ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇراسىمىدا  كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىللىق كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى تېڭشۈن يۇلتۇز مۇراسىمىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى تېڭشۈن يۇلتۇز جەنۇبتىكى مۇراسىمىدا ئەڭ سېھرى كۈچكە ئىگە ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2003-يىللىق كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى 10 چوڭ شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#