توربەت ئۆلچىمى

توربەت ئۆلچىمى بولسا توربەت ئېچىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

نامى توربەت ئۆلچىمى
خەنزۇچە نامى توربەت ئۆلچىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توربەت بىزنى ئېنتىرنىت ئارزۇسىغا يەتكۈزىدىغان ئۆلچەم. توربەت ئۆلچىمى بولسا توربەت ئېچىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

ئوخشىمىغان نەشىردىكى توركۆرگۈچلەر مەۋجۇت بولغانلىقتىن، توربەت ئاچقۇچىلار كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆپ نەشىردىكى توركۆرگۈچلەردە توربەتنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىدۇ. يېڭى قاتتىق دېتال (مەسىلەن يانفونغا ئوخشاش) ياكى يۇمشاق دېتال (مەسىلەن يېڭى توركۆرگۈچكە ئوخشاش) لارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بۇ مەسلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

توربەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن، مەيلى توربەت ئاچقۇچىلار ياكى زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر مۇھىم ئىش يېڭى تور بېكەت قۇرۇلغاندا توركۆرگۈچ ياسىغۇچىلار بىلەن توربەت لايىھەلىگۈچىلەر ئورتاق ئۆلچەمگە بويسۇنۇشى كېرەك.

تورنىڭ توختىماستىن زورىيىشى نەتىجىسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش مۇھىم زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى. تور ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ ئوخشاش ئۇچۇرنى زىيارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تور ئۆلچىمى بولمىغاندا كەلگۈسىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە تور ئۆلچىمى بېكەت قۇرۇشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ. تور بېكەت ئېچىش ۋە ئاسراش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى توربېكەتلەر ئۆلچەم بىلەن كودلايدۇ. توربەت ياسىغۇچىلار ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپلىگەن نەشىردىكى توركۆرگۈچ ئۈچۈن ئايرىم بەت لايىھەلەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىدۇ.

1.توربەت ياسىغۇچىلار تور ئۆلچىمىگە بويسۇنسىلا ئۇلار ئارىسىدىكى توربەت كودلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش شۇنچە ئاسانلىشىپ، توربەت ئېچىش ئەترىتىنىڭ ھەمكارلىق خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

2.بەزى توربەت ئاچقۇچىلار ئۆلچەمنى چەكلىمە دەپ قاراپ ئالاھىيدە توركۆرگۈچلەرنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق توربەتنىڭ لايىھەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما زىيارەت ئۇسۇلىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ بەتلەرنى تەڭشەش بارغانسېرى قېيىنلىشىدۇ. ئۆلچەمگە بويسۇنۇش بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم. پەقەت تور ئۆلچىمىنى ئىشلەتكەندىلا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكرار كود يېزىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ مەيلى كونا ياكى يېڭى نەشىردىكى توركۆرگۈچلەردە توربېكىتىڭىزنى نورمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدۇ.

3.Standardization توربېكىتىڭىزنىڭ زىيارەت ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.

4.ئۆلچەملىك تور ھۆججىتى ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان زىيارەت قىلىندۇ ۋە كۆپلەپ قوشۇۋېلىندۇ.

5.ئۆلچەملىك تور ھۆججىتىنى باشقا ھۆججەت تىپلىرىغا تېخىمۇ ئاسان ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

6.ئۆلچەملىك تور ھۆججىتىنى JavaScript ۋە DOM غا ئوخشاش پروگرامما كودلىرى تېخىمۇ ئاسان زىيارەت قىلالايدۇ. 

ئۆلچەم ئارقىلىق مېيىپ كىشىلەر توربەتتىن تېخىمۇ ئاسان پايدىلىنالايدۇ. ئەمالار كومپىيۇتېر ئارقىلىق توربەتنى ئوقۇغۇزۇپ ئاڭلايدۇ. كۆزى ئاجىز كىشىلەر توربەتنى قايتىدىن چوڭايتىپ كۆرەلەيدۇ. ئاددىي بولغان HTML ۋە CSS كە ئوخشاش تور ئۆلچەملىرىمۇ تور بەتنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش ۋە باشقا كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان چىقىرىپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاسان تونۇۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#