ئۈن-سىن بۇيۇملىرى باشقۇرۇش نىزامى

ئۈن-سىن بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى

ئۈن-سىن بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 50-قېتىملىق دائىمىي كېڭىشىدە ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان، 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈن-سىن بۇيۇملىرى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 341-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 音像制品管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 341-نومۇرلۇق پەرمانى

‹ئۈن-سىن بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى› 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 50-قېتىملىق دائىمىي كېڭىشىدە ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.   

زۇڭلى جۇرۇڭجى  2001-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ نىزام ئۈن-سىن بۇيۇمى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۈن-سىن ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى تېزلىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا بۇ نىزام مەزمۇن ئېلىنغان ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ لېنتىلىرى، پاتېفون پلاستىنكىسى، لازېر ناخشا دىسكىسى ۋە لازېر كۆرۈش دىسكىسى قاتارلىق ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. ئۈن-سىن بۇيۇمى رادىئو، تېلېۋىزىيىلەردە ئاڭلىتىلسا، كۆرسىتىلسە، رادىئو، تېلېۋىزىيىگە دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ سېتىش، پارچە سېتىش، ئىجارە بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ئىدىيە، ئەخلاق، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىش كېرەك. ئۈن-سىن بۇيۇملىرىدىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولغانلىرى مەنئى قىلىنىدۇ: 

(1) ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدىغان؛  

(2) دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛  

(3) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛  

(4) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ياكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان؛  

(5) بىدئەتچىلىك، دىن، خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان؛  

(6) جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛  

(7) شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇترىتىدىغان؛  

(8) باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى باشقىلارغا بۆھتان چاپلايدىغان، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان؛ (9) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛  

(10) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇن بولغان.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، ئىشلەش ۋە كۆپەيتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى (قىسقارتىپ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى دېيىلىدۇ) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، ئىشلەش ۋە كۆپەيتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتىگە ئالاقىدارپائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. 

5-ماددا دۆلەت ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىشتە ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇشۇ نىزام بويىچە بېرىلگەن ئىجازەتنامە ۋە تەستىق ھۆججەتنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىشكە، سېتىشقا ياكى باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. 

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئۈن-سىن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن مەملىكەت بويىچە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش ئورنى، كۆپەيتىش ئورنى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇمى مەھسۇلاتى، ئىمپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ سانى، جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى بېكىتىدۇ. 

7-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان تارماق ۋە ئۇنىڭدىكى خادىملارنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ ھەمدە ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تىجارىتىگە ئارىلىشىشىغا ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىككىنچى باب نەشر قىلىش 

8-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر ئورنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: 

(1) ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛  

(2) گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە مەسئۇل ئورگىنى بولۇش؛  

(3) بېكىتىلگەن كەسىپ دائىرىسى بولۇش؛  

(4) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن ئۈن-سىن نەشرىياتچىلىق كەسپىي خادىملىرى بولۇش؛  

(5) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق مەبلىغى، ئۈسكۈنىسى ۋە خىزمەت سورۇنى بولۇش؛  

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.  ئۈن-سىن نەشر ئورنىنى تەستىقلاشتا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن شەرتكە ئەمەل قىلغاندىن سىرت، ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ سانى، جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى يىرىك پىلانىغىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 9-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماسا قىلىشتا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. تەستىقلانغانلىرىغا ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر ئىجازەتنامىسى› نى ئېلىپ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە ئالىدۇ. تەستىقلانمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. 

 ئىلتاماسق تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك: 

(1) ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى؛  

(2) ئۈن-سىن نەشر ئورنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە مەسئۇل ئورگىنىنىڭ نامى، ئادرېسى؛  

(3) ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى، سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛  

(4) ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ۋە مىقدارى. 

10-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ ئىسمى، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن مەسئۇل ئورگىنى، كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشتە، ياكى باشقا ئۈن-سىن نەشر ئورنىنى قوشۇۋېلىشقا ۋە ياكى قوشۇۋېلىش، ئايرىلىش ئارقىلىق يېڭى ئۈن-سىن نەشر ئورنى قۇرۇشتا، مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش ھەمدە ئەسلى تىزىملىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ مۇناسىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.  ئۈن-سىن نەشر ئورنى ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنى ئۆزگەرتىشتە ۋە ياكى نەشرىياتچىلىق تىجارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئەسلى تىزىملىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم. 

11-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ يىللىق نەشر پىلانىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تېمىلارنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. زور تېما ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ نەشر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

12-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنى ئۆزىن نەشر قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە ئۇنىڭ ئورۇسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە نەشر ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇم نومۇرى، نەشر قىلىنغان ۋاقتى، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى، ئىمپورت ئۈن- سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىشتا ئىمپورت تەستىق ھۆججىتى نومۇرىنىمۇ يېزىپ قويۇشى كېرەك. ئۈن-سىن نەشر ئورنى ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە دۆلەت كۈتۈپخانىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەۋرىشكىسىنى ھەقسىز ئەۋەتىشى كېرەك. 

13-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ ئۆز نامىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسكە ئىجارە، ئارىيەتكە بېرىشىگە، سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ ئۈن -سىن بۇيۇمى نومۇرىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسكە سېتىشقا ياكى باشقا شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

14-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ نامىنى سېتىۋېلىش، ئىجارە، ئارىيەتكە ئېلىش، ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىۋېلىش ياكى ئۈن-سىن نومۇرىنى سېتىۋېلىش، ئويدۇرۇپ چىقىش قاتارلىق شەكىلدە ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشرىياتچىلقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.  كىتاب نەشرىياتى، گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى، ئېلېكترون نەشرىياتىنىڭ ئۆز نەشر بۇيۇمىغا ماس كەلمەيدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆز نەشر بۇيۇمىغا ماس كېلىدىغان ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭكىدەك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

15-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ياكى چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىسە بولىدۇ. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

16-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنى تەھرىرلىك جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئۈن-سىن بۇيۇمى مەزمۇنىنىڭ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

17-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنىدىن باشقا ئورۇننىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى مۇستەقىل ئىشلەيدىغان ئورۇن (تۆۋەندە ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى دېيىلىدۇ) قۇرۇش ئىلتىماسىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. تەستىقلانغانلىرىغا ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى› بېرىلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى› نى ئېلىپ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىملىتىپ قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ؛ تەستىقلانمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇش كېرەك. رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئىشلەش تىجارەت ئورنى قۇرۇش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك:  (1) ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى؛  

(2) ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق جايى، سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛  

(3) ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ۋە مىقدارى.  ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن شەرتلەرگە ئەمەل قىلغاندىن باشقا، ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنىڭ سانى، جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك. 

18-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى، نامى، كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشتە ياكى باشقا ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنى قۇشۇۋېلىش ۋە ياكى قوشۇلۇش، ئايرىلىش ئارقىلىق يېڭى ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى قۇرۇشتا، مۇشۇ نىزامنىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىشى ھەمدە ئەسلىي تىزىملىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ مۇناسىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك. ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى، ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنى ئۆزگەرتىشتە ۋە ياكى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئەسلى تىزىملىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى ئۆچۈرتۈشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

19-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى› ئالمىغان ئورۇنغا ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ھاۋالىنامىسىنى قوبۇل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ھاۋالە قىلغۇچى نەشر ئورنى بىلەن ھاۋالە توختامى تۈزۈشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلغۇچى نەشر ئورنىنىڭ ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر ئىجازەتنامىسى› ياكى ئۆز نەشر بۇيۇمى ئىسپاتى ۋە ھاۋالە قىلغۇچى نەشر ئورنى تامغىسى بېسىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەپ بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنىنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىش، توپ، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئۈچىنچى باب كۆپەيتىش

20-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:  

(1) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛  

(2) ئېنىق كەسىپ دائىرىسى بولۇش؛  

(3) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە خادىمى بولۇش؛ 

(4) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق مەبلىغى، ئۈسكۈنىسى ۋە كۆپەيتىش سورۇنى بولۇش؛ 

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.  ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، كۆپەيتىش ئورنىنىڭ سانى، جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى يىرىك پىلانىغىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 

21-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.  تەستىقلانغانلىرىغا ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى› بېرىلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى› نى كۆرسىتىپ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ، تەستىقلانمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.  

ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:  

(1) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى؛  

(2) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى؛ 

(3) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانى. 

22-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتسە ياكى باشقا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنى قوشۇۋالسا ۋە ياكى قوشۇلۇش، ئايرىلىش سەۋەبىدىن يېڭى ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورنى قۇرسا، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشى لازىم.  ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ نامى، ئادرېسى، قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنى ئۆزگەرتسە ۋە ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش تىجارەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، رويخەتكە ئالغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 

23-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىپ، بېرىش ھاۋالىنامىسىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن بىلەن كۆپەيتىش توختامى تۈزۈشى، ھاۋالە قىلغان نەشر ئورنىنىڭ ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى› ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، شۇ ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى، ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ كۆپەيتكەن ئۈن-سىن بۇيۇمى سېتىلمايدىغان بۇيۇم بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تارقاتقان ھەم ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن تامغا باسقان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش ھاۋالىنامىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.  تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ بولغان كۈندىن باشلاپ 2 يىلغىچە، ھاۋالە توختامى ۋە كۆپەيتىلگەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسى، تەكشۈرۈلگەن ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ساقلاپ قويۇشى لازىم. 

24-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنىنىڭ ئۈن-سىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ تىجارەتلىك ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىشىگە، ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئۆز مەيلىچە كۆپەيتىشىگە، توپ، پارچە سېتىشىغا، ئىجارىگە بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

25-ماددا لازېر دىسكا كۆپەيتىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى لازېر دىسكا كۆپەيتىشتە گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى لازېر سىپىر كارتىسىنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى كىرگۈزۈلگەن سۇلياۋ يالىتىلغان قېلىپىنى ئىشلىتىشى شەرت. 

26-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى چېگرا سىرتىنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ بېرىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن شۇ ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ماقۇللۇق ئېلىشى ھەمدە ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلق قىلغۇچىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشى، كۆپەيتىلگەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك.

تۆتىنچى باب ئىمپورت قىلىش 

27-ماددا ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارەت ئورنى قىلىدۇ، ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارەت ئورنى بېكىتىلمەي تۇرۇپ ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

28-ماددا نەشر قىلىش ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى، توپ، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۈن-سىن مەھسۇلاتىنىڭ مەزمۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتۈش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماسا قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. تەستىقلانغانلىرىغا تەستىق ھۆججەت بېرىلىدۇ، تەستىقلانمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. نەشر قىلىش ئۈچۈن ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئىمپورت قىلىدىغان ئورۇن، ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارەت ئورنى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىن ئېلىپ، تاموژنىغا بېرىپ ئىمپورت رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. 

29-ماددا نەشر قىلىش ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دائىر ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي تارمىقىغا تىزىملىتىش كېرەك. 

30-ماددا تەتقىقات، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىمپورت قىلىشنى ئۈن-سىن مەھسۇلاتى ئىمپورت تىجارەت ئورنىغا مۇشۇ نىزامنىڭ 

28-مادددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالە قىلىش كېرەك. كۆرگەزمە قىلىش، كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىمپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن تاموژنىغا بېرىپ ۋاقىتلىق ئىمپورت رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىمپورت قىلىنغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى تىجارەتلىك كۆپەيتىشكە، توپ تارقىتىشقا، پارچە سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە ۋە قويۇشقا بولمايدۇ. 

بەشىنچى باب توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ۋە ئىجارە بېرىش 

31-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:  (1) ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى بولۇش؛  

(2) ئېنىق بەلگىلەنگەن كەسىپ دائىرىسى بولۇش؛  

(3) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە خادىمى بولۇش؛  

(4) كەسىپ دائىرىسى ئېھتىياجىغا لايىق مەبلەغ ۋە تىجارەت سورۇنى بولۇش؛  

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. 

32-ماددا مەملىكەت بويىچە ئۈن-سىن بۇيۇمى زەنجىرسىمان، تىجارەت ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئۈن-سىن بۇيۇمىنى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم. تەستىقلانغانلىرىغا ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارەت ئىجازەتنامىسى› بېرىش كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچى ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارەت ئىجازەتنامىسى› نى كۆرسىتىپ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك، تەستىقلانمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.  ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارەت ئىجازەتنامىسى› گە ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتىنىڭ تۈرىنى ئېنىق يېزىش لازىم. 

33-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنى، نامى، كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتسە ياكى باشقا ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنىنى قوشۇۋالسا ۋە ياكى قوشۇلۇش، ئايرىلىش سەۋەبىدىن يېڭى ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنى قۇرسا، مۇشۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە رويخەتكە ئالغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ مۇناسىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.  ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورۇن ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنى ئۆزگەرتسە ۋە ياكى تىجارەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، ئۈن-سىن بۇيۇمىنى پارچە سېتىش، ئىجارە بىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر كەسىپ دائىرىسى، ئادرېسىنى ئۆزگەرتسە ياكى تىجارەت پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرسا، رويخەتكە ئالغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ رويخەتنى ئۆزگەرتىش ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە تەستىقلىغان مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

34-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزى نەشر قىلمىغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقاتسا، پارچە ساتسا بولىدۇ. ئۆزى نەشر قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىشقا، مۇشۇ نىزامنىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە ئەسلى رويخەتكە ئالغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشى لازىم. 35-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش ئورنى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۈن-سىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن نەشر قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى بولمىغان ئورۇن كۆپەيتكەن ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى ئىقتىسادقا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بەلگىلەيدۇ. 

36-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى توپ تارقىتىش ئورنى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۈن-سىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن نەشر قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى بولمىغان ئورۇن كۆپەيتكەن ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي ئىمپورت قىلىنغان ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ئالتىنچى باب جازا پرىنسىپى 

37-ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال ئېلىپ ياكى باشقا نەپ ئېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنىنى تەستىقلاپ ياكى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ۋە ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزگەن بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىملىرى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ. 

38-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق خادىملىرىدىن ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ شۇغۇللانغانلىرىغا، ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تىجارىتىگە ئارىلاشقانلىرى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئارىلاشقانلىرىغا قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ.  ئۈن-سىن بۇيۇمى تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىملىرى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

39-ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، قويۇش ئورنىنى ئۆز مەيلىچە قۇرغانلار، ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش كەسپى ياكى ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، قويۇش تىجارىتى بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلار نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقى بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايى جارا بېرىشكە توشمىسا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتتە ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

40-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلغانلار ياكى مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن، توپ تارقاتقان، پارچە ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، قويغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلا تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىسىنىمۇ بىكار قىلىدۇ. 

41-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇمى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلار، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا تاموژنا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. 

42-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھە سسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان ئىجازەتنامىنىمۇ بىكار قىلىدۇ:  

(1) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن ئۆز نامىنى باشقا ئورۇن، شەخسلەرگە ئىجارىگە، ئارىيەتكە بەرگەن، ساتقان ياكى باشقا شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى ئۆز ئورنىنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمى نومۇرىنى ساتقان ياكى باشقا شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى؛  

(2) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى› ئالمىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانلىرى ياكى ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى› ئالمىغان ئورۇنغا ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانلىرى؛ (3) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئۆز مەيلىچە ئىمپورت قىلغانلىرى؛  

(4) ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلەش ئورۇنلىرى، ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن ئۈن-سىن نەشر ئورنىنىڭ ھاۋالىنامىسى ۋە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشتە، مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛  

(5) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئۆز مەيلىچە كۆپەيتىۋالغانلىرى ياكى ئۈن-سىن نەشر ئورنى بولمىغان ئورۇن، شەخسنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ تىجارەتلىك ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتكەن ۋە ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزى بىلگەنچە كۆپەيتكەنلىرى. 

43-ماددا ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ياكى چەت ئەلدىكى تەشكىلات، شەخسلەر بىلەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەنلىرى، ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن چېگرا سىرتى ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش ھاۋالىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ياكى كۆپەيتكەن چېگرا سىرتى ئۈن-سىن بۇيۇمىنىڭ ھەممىسىنى تېخى چېگرىدىن ئاچىقىپ كەتمىگەنلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 05 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا ئەسلى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان ئىجازەتنامىنىمۇ بىكار قىلىدۇ. 

44-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان ئىجازەتنامىنىمۇ بىكار قىلىدۇ: 

(1) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن يىللىق نەشر پىلانىنى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تېمىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرى؛  

(2) ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرىدىن نامى، ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشتە، تەستىقلىتىش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرمىگەنلىرى؛  

(3) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن نەشر قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە ئۇنىڭ ئورۇسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى يازمىغانلىرى؛  

(4) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن ئەۋرىشكە تاپشۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛  

(5) ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن ماتېرىيال ساقلاشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى؛  

(6) لازېر دىسكا كۆپەيتىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورۇنلىرىدىن لازېر دىسكا كۆپەيتىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تارقاتقان لازېر سىپىر ساقلاش كارتىسىنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى ئويۇلمىغان سۇلياۋ قېلىپ ئىشلەتكەنلىرى. 

45-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان ئۈن-سىن بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئەسلى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان ئىجازەتنامىنىمۇ بىكار قىلىدۇ:  

(1) ئۈن-سىن نەشر ئورنى بولمىغان نەشر قىلغان ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمى كۆپەيتىش ئورنى بولمىغان ئورۇن كۆپەيتكەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقاتقان، پارچە ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، قويغانلار؛  

(2) گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئىمپورت قىلىنغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقاتقان، پارچە ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، قويغانلار؛  

(3) تەتقىقات، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان ياكى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان، كۆرسىتىلىدىغان ئىمپورت ئۈن-سىن بۇيۇمىنى توپ تارقاتقان، پارچە ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، قويغانلار؛  

(4) ئۈن-سىن نەشر ئورۇنلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئىمپورت قىلىنغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغانلار. 

46-ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەمۇري جازا بېرىلگەنلىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرتكۈزۈشى كېرەك، مۆھلەت ئۆتكۈچە بېجىرمىسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

47-ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 10 يىلغىچە ئۈن-سىن بۇيۇمى نەشر قىلىش، ئىشلەش، كۆپەيتىش، ئىمپورت قىلىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇل بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۈن-سىن بۇيۇمى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى قويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 10 يىلغىچە ئۈن-سىن بۇيۇمىنى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى قويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

48-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرېۋىتىش كېرەك، ئېلىنغان جەرىمانىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش شەرت.

يەتتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

49-ماددا بۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ تىجارەتلىك ئۈن-سىن بۇيۇمى قويۇش ئورنى قۇرۇش تەستىقلانمايدۇ، قانۇن بويىچە قۇرۇلغانلىرىنىڭ ھازىرقى ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ھەم بەش يىل ئىچىدە تاقىۋېتىلىدۇ، تاقىۋېتىشتىن ئىلگىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 

50-ماددا مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجازەتنامە بېرىشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تەننەرخ ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەر قانداق ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

51-ماددا بۇ نىزام 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1994-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹ئۈن-سىن بۇيۇمى باشقۇرۇش نىزامى› بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#