جامبۇل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جامبۇلقازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، جامبۇل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تالاس دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا، تۈركمەنىستان — سىبىرىيە تۆمۈريولىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 264 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979) . جامبۇل ئاتاقلىق قەدىمىي شەھەر، «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم سودا مەركىزى. مىلادى 10-ئەسىرىدىن 12-ئەسىرگىچە قاراخانى خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. 1938-يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرگەن.
شەھەردە خىمىيە، قوي يۇڭىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە-خۇرۇم، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەردە چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەزكىرى مۇزېيى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.