يۇلتۇزلار سېستىمىسى

يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى تۈرگە ئايرىش كامېرتون دىئاگىراممىسى

ئامېرىكىلىق ئاستىرونوم خۇببىل ئۆزىنىڭ 1936- يىلى نەشىردىن چىققان ‹‹ تۇمانلىقلار دۇنياسى ›› ناملىق كىتابىدا، بۈگۈن ‹‹ خۇببىل قاتارى ›› ياكى ‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› دەپ ئاتىلىۋاتقان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىش دىئاگىراممىىسىنى سىزىپ چىققان.

ئۇيغۇرچە نامى يۇلتۇزلار سېستىمىسى
ئىنگىلىزچە نامى Galaxy
كامېرتون ئىگىسى ئېدۋېن پوۋىل خۇببىل
خەنزۇچە نامى 星系
باشقا نامى 宇宙 岛
تۈزىتىش كىرگۈزگۈچى گىراد دې ۋاكيۇلېر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكىلىق ئاستىرونوم خۇببىل ئۆزىنىڭ 1936- يىلى نەشىردىن چىققان ‹‹ تۇمانلىقلار دۇنياسى ›› ناملىق كىتابىدا، بۈگۈن ‹‹ خۇببىل قاتارى ›› ياكى ‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› دەپ ئاتىلىۋاتقان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىش دىئاگىراممىىسىنى سىزىپ چىققان. خۇببىل ئالدى بىلەن يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى ئېللىپىسسىمان (تارتىپ ئۇزارتىلغان چەمبەر ) يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى  ( 椭圆星系)  ۋە قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى  ( 漩涡星系  )  دەپ ئىككىگە ئايرىغان. 

ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى 

ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ بىرى بولغان M87ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسىسى ئېللىپىس شەكىللىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەزا يۇلتۇزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە قېرى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇنىڭدا گاز ۋە چاڭ-توزان تەركىبى ناھايتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا يېڭىدىن تۇرغۇن يۇلتۇزلارمۇ شەكىللەنمەيدۇ. ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ ماسسىسى قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى بىلەن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ كىچىك پاكار ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى نەچچە مىليون قۇياش ماسسىسىغا ئىگە بولۇپ، غايەت زور ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ ماسسىسى بىر تىرلىيون قۇياش ماسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئادەتتە يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى توپىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولىدۇ. M87 گە ئوخشاش غايەت زور ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى كائىناتتىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بارلىق يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ئىچىدە، ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى % 10 -  % 15 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مول يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى توپىنىڭ مەركىزى ئەتراپىغا تەرتىپىلىك تارقالغان بولۇپ، ‹‹خۇببىل كامېرتونى›› دىئاگىراممىسىدا، تۈرلۈك ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ‹‹ كامېرتون›› نىڭ تۇتقۇچىنى ھاسىل قىلىدۇ.

قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى 

قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ بىرى بولغان M101‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› نىڭ ئىككى ‹‹ ئاچىماق ›› ى قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىېرىدىن تۈزۈلىدۇ. قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى دەل ئۇلارنىڭ قاينامسىمان قۇرۇلمىسى بولۇپ، يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ مەركىزىدىكى يورۇق يادرو شارىدىن بىر قانچە تال سېپىرال (ئايلانما) بىلەك سوزۇلۇپ چىققان بولىدۇ. سېپىرال بىلەكلەردە گاز جىسىم ۋە چاڭ - توزانلار مول بولۇپ، ئۇلاردا يەنىلا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىش پائالىيتى داۋاملىشىۋاتقان بولىدۇ، سېپىرال بىلەكتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر ياش كېلىدۇ. قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ئادەتتە يايپاڭ دېسكىسىمان كېلىدۇ، دېسكىسىنىڭ قېلىنلىقى دېئامېتىرىنىڭ  15/1 ى ئەتراپىدىلا بولغاچقا، ئۇلار يەنە دېسكىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ بىر مىلياردىن بىر تىرلىيون ھەسسىسىگىچە بولىدۇ، كۆرۈنمە نۇر دولقۇن بۆلىكىدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ دېئامىتىرى 15 مىڭ نۇر يىلىدىن 300 مىڭ نۇر يىلىغىچە بولىدۇ. كۆزىتىشتىن بايقالغان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىردىن ئىبارەت.

قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ تۈرلىرى 

خۇببىل قاينامسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى ‹‹ نورمال قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ››  ( 正常旋涡星系 )  ۋە مەركىزىدە تاياقسىمان قۇرۇلما بار بولغان ‹‹ تاياقلىق قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ›› ( 棒旋涡星系 ) دەپ ئىككىگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار ‹‹ كامېرتون ›› نىڭ ئىككى ‹‹ ئاچىماق ››ىنى ھاسىل قىلىدۇ. نورمال قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ سېپىرال بىلەكلىرى بىۋاستە يادرو شارىدىن سوزۇلۇپ چىقىدۇ، تاياقلىق قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ سېپىرال بىلەكلىرى يادرو تايىقىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن سوزۇلۇپ چىقىدۇ. بىزنىڭ سامانيولى سېستىمىمىز دەل تىپىك بىر تاياقلىق قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستمىسىدۇر.

لىنزىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى 

‹‹ ئاچىماق ›› بىلەن ‹‹ تۇتقۇچ ›› بىرىككەن قىسىمدا شەكلى خۇددى لىنزىغا ئوخشايدىغان ‹‹ لىنزىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ›› ( 透镜状星系 ) بار. 

 تەرتپسىز يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى

تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ بىرى بولغانM82قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلرى بىلەن ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلرىدىن سىرت، يەنە بىر قىسىم يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ شەكلى تەرتىپسىز، سىممېتىرىكلىكى يېتەرسىز بولغاچقا، ئومۇملاشتۇرۇپ تەرتپسىز يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئالاھىدە يۇلتۇزلار سېستىمىسى، ئۆز ئارا تەسىرچان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ ماسسىسى ئادەتتە ئانچە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، پەقەت 100 مىليون تارتىپ 10 مىلياردقىچە قۇياش ماسسىسىچىلىك كېلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگىچە، ئاستىرونوملار بۇ غەلىتە يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئېتىبارسىز قاراپ كەلگەن، ئەمما شۇنڭدىن كېيىن، كىشلەر ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ ئۆزگرىشىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن.

‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› نىڭ ئاساسچىسى بولغان ئاستىرونوم خۇببىل ، ئېدۋېن پوۋىل خۇببىل (1889-1953)، ئامېرىكىلىق ئاستىرونوم ، يۇلتۇزلار سېستىمىسى ئاستىرونومىيەسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، كۆزىتىش كوسمولوگىيەسى (كائىناتشۇناسلىق) نىڭ بەرپاچىسى. 1919-يىلىدىن باشلاپ، ۋېلسون تېغى رەسەتخانىسىدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلغان، ئەلۋەتتە ئۇنى بۇجەھەتتە بىر مۇنەۋۋەر كۆزەتكۈ ئىگىسى دېيىش مۇمكىن. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئېگىز بولغان ئەشۇ تېلىسكوپ ئاستىدا بويۇن تولغاپ كېچىمۇ - كۈندۈز كۆزىتىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىر ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىسپاتنى نەزەرىيىچىلەرگە پولاتتەك ئىسپات قاتارىدا سۇندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىدىن ئىبارەت.

دەسلەپتە كىشلەر خاتا ھالدا ‹‹ خۇببىل قاتارى ›› يۇلتۇزلار سېستىمىسنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپىنى ئىپادىلەيدۇ، يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ‹‹ تۇتقۇچ ›› نىڭ ئۇچىدىكى ئېللىپىسسمان يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىن تارتىپ ‹‹ ئاچىماق ›› نىڭ ئۇچىدىكى نورمال قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىغا ياكى تاياقلىق قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ دەپ قارىغان.  شۇڭا، ئۇلار ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى ‹‹ دەسلەپكى تىپلىق يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ›› دەپ ئاتاپ، قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى ‹‹ كېيىنكى تىپلىق يۇلتۇزلار سېستىمىلرى ›› دەپ ئاتىغان. ھازىر ئاستىرونوملار ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ دەسلەپكى تىپلىق ›› ۋە ‹‹ كېيىنكى تىپلىق ›› دېگەن ناملارنى يەنىلا ئۆز پېتى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. (ۋاھالەنكى، ئاستىرونوملار ھازىر تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدى. بىراق بىز بۇنى تېخىچە ‹‹ تۇرغۇن ›› سۆزى بويىچە ئاتاپ كېلىۋاتىمىز، بۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر ئىشتۇر-تەھرىر)

خۇببىلنىڭ ‹‹ كامېرتون ›› تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ئاددى ھەم ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى تەتقىقى قىلىشتىكى ئاساسىدۇر. بۈگۈنگە قەدەر ئاستىرونوملار يەنىلا خۇببىلنىڭ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىكى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلمەكتە، قىلچە مۇبالىغە قىلماستىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› دىئاگىراممىسى يۇلتۇزلار سېستىمىسى ئاستىرونومىيەسىگە قارىتا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىدۇر.    1959-يىلى فىرانسىيەلىك ئاستىرونوم ۋاكيۇلېر خۇببىلنىڭ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىكى كامېرتون دىئاگىراممىسىنى كېڭەيتكەن، ئۇ خۇببىلنىڭ پەقەت سېپرال (ئايلانما) بىلەكلەرنىڭ چىرمىشىشتىكى بوش -چىڭلىقى ۋە تاياقسىمان قۇرۇلمىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدىلىككە ئاساسلىنىپلا قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىكى ئۇسۇلى بەك ئاددى بولۇپ قالغان، ئۇ كۆزىتىلگەن بارلىق يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ شەكلىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ دەپ قارىغاچقا، خۇببىلنىڭ تۈرگە ئايرىش سېستىمىسىغا قارىتا ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئېلىپ بارغان. ۋاكيۇلېر يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ شەكلىنى تۈرلەرگە ئايرىشتا ئاساسەن خۇببىلنىڭ تۈرگە ئايرىش سېستىمىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنى ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى، لىنزىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى، قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى ۋە تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سېستىمىسى دەپ تۈرلەرگە ئايرىغان. قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىغا نىسبەتەن، ۋاكيۇلېر ئۇلارنى سىپرال بىلەك، ھالقىسىمان قۇرۇلما ۋە تاياقسىمان قۇرۇلمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، بىر قانچە تارماق تۈرلەرگە ئايرىغان. ۋاكيۇلېر سېستىمىسى خۇببىل كامېرتون دىئاگىراممىسىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك كېڭەيتىلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى X  ئوقى قاينامسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ سېپىرال بىلىكىنى،  g ئوقى تاياقسىمان قۇرۇلمىسىنى،Z ئوقى يۇلتۇزلار سېستىمىلىرنىڭ ھالقىسىمان قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلەيدۇ. 

گىراد دې ۋاكيۇلېر‹‹ خۇببىل كامېرتونى ›› غا تەنقىدى يوسۇندا ۋارسلىق قىلغان ئاستىرونوم ۋاكيۇلېر ، گىراد دې ۋاكيۇلېر (1918-1995)، فىرانىسىيەلىك ئاستىرونوم، كىچىكىدىنلا ئاستىرونومىيەگە ئىشتىياق باغلىغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنگىلىيەدە، ئاۋىستىرالىيە سىتروملو تېغى رەسەتخانىسىدا، ئامېرىكا لوۋىل رەسەتخانىسىدا ۋە خارۋارد ئۇنۋېرىسىتىدا ئۆگىنىش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان . 1960-يىلى تېكساس ئۇنۋېرسىتىتى ئائۇستىن تارماق مەكتىپىگە يۆتكىلىپ بارغان، ھەمدە شۇ يەردە ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن. ۋاكيۇلېر يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى تەتقىقاتىنىڭ ماھىرى بولۇپ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹ ئۈچىنچى نۇسخا يورۇق يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى جەدىۋىلى ›› نى نەشىر قىلدۇرغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ۋاكيۇلېر يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى توپىنىڭ يىغىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سېستىمىلرى توپىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىدەك قاراشنى ئاكتىپ تەرغىب قىلغان. 1988-يىلى فىرانسىيە ئاستىرونومىيە ئىلمى جەمىيىتى ئۇنىڭغا جۇلىس جانسىن مۇكاپاتىنى بەرگەن.[2][1]

مەنبە: ‹‹ يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن. ئاستىرونومىيە ››

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#