دۇبوئىس

دۇبوئىس

ئاتاقلىق نېگىر ئالىم دۇبوئىس 1868-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دۇبوئىس
باشقا نامى ۋىليام دۇبوئىس
يۇرتى ئاككرا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杜波依斯
دۆلەت تەۋەلىكى گانا جۇمھۇرىيىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1868-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
چەتئەلچە نامى William Edward Burghardt Du Bois

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇبوئىسئاتاقلىق نېگىر ئالىم دۇبوئىس 1868-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۈسېتىس شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا گېرمانىيەدە ئوقۇغان، خاپور ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مۇشۇ مەكتەپنىڭ قانۇن ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن يەنە ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد ۋە تارىخ ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. دۇبوئىس «ئافرىقا قامۇسى» نىڭ تەشەببۇسچىسى ھەم ئۇنى تۈزۈش ھەيئىتىنىڭ دەسلەپكە كاتىبات مۇدىرى بولغان.

ئۇ ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 20 يىلچە ئوقۇتقۇچى بولغان. دۇبوئىسنىڭ بىلىمى كۆپ، مەلۇماتى چوڭقۇر بولغاچقا، تارىخ، پەلسەپە، ئىقتىساد، قانۇن، ئىجتىمائىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ۋە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئەسەر يازغان ۋە غايەت زور ئىناۋەتكە ئىگە بولغان، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتىتتىكىلەر ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئالىي ئۇنۋانى بەرگەن. دۇبوئىس ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى نېگىرلار تارىخنى تەتقىق قىلىشقا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدىلا نېگىرلارنىڭ تارىخىي رولىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان «نوپۇزلۇق» زاتلارغا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان. «ھەر قانداق ئالىمنى تىترەتكۈدەك ئىشلارنى چوڭ يۈرەكلىك بىلەن قىلغان».

بۇرژۇئا ياللانما ئالىملىرىنىڭ «ئاق تەنلىكلەر ئەلا»، «نېگىرلار نادان» دەيدىغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، «قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلار، ئاق تەنلىك ياۋروپالىقلار ۋە سېرىق تەنلىك ئاسىيالىقلار ئوخشاش ئادەم» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دۇبوئىس نۇرغۇن ھۈججەت-ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ خوتۇنى ۋە بالىلىرى بىلەن ئامېرىكىدىكى نامرات نېگىرلار گەمىسىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ، نېگىرلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ئورتاق كۈرەش قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلانغان ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىغا كېلىپ، نېگىر ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كۈرەش ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان. ئۇ يازغان «نېگىرلار»، «نېگىرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»، «دۇنيا ۋە ئافرىقا»، «ئافرىقا-ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مول ماتېرىيال ۋە ئىخچام پىكىر بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانلار مەدىنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر نېگىرلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى نوپۇزلۇق ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلىرىدە دۇبوئىس نېگىرلارنىڭ «نىل دەرياسى مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنى يارىتىشىقا قاتناشقان»، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە ئىگە بولۇشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «ئافرىقىلىق نېگىرلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى» دىن بولغان، چۈنكى ئۇلار مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋە جەنۇب-شىمالدىكى ئۇرۇشقا، شۇنداقلا ئامېرىكىنى يېڭىباشتىن قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان. مۇشۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئامېرىكىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا نېگىرلار بارلىققا كەلتۈرگەن دەپ قارىغان.

 دۇبوئىسنىڭ مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن «نېگىرلارنىڭ روھى»، «نېگىر مەلىكىسى»، «گۇگۇم بىلەن تاڭ سەھەر»، بولۇپمۇ «قارا يالقۇن» ناملىق ترولوگىيىسى دۇنيانىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، دۇبوئىسنى ئامېرىكا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچى دېگەن نامغا ئېرىشتۈردى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلدى. 

دۇبوئىسنېگىرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەزىمەت دۇبوئىس ئەڭ بۇرۇن نېگىرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرغان، قۇللار سودىسىنىڭ ئافرىقا خەلقىگە كەلتۈرگەن ئېغىر بالايى-ئاپەتلىرىنى پاش قىلغان ئالىملارنىڭ بىرى. 1896-يىلى ئۇ خاپور ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلغان «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئافرىقا قۇللار سودىسىنى بىكار قىلىش» ناملىق ماقالىسىدە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئافرىقا نېگىر قۇللىرىنى ئېلىپ-سېتىشتەك جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلغان ۋە بۇ خىل جىنايى سودىنى «بىكار قىلىپ» ئافرىقىلىقلارنى ئادەمگە خاس مۇئامىلىگە ئىگە قىلىشنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلغان. دۇبوئىسنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، تۆت ئەسىر داۋام قىلغان قۇل سودىسى ئافرىقىدا «كەم دېگەندە 100 مىليون ئاھالىنى يوقاتقان». ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نورمال راۋاجلىنىشىمۇ «ئۈزۈلۈپ قالغان». مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ دۇبوئىس ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاتاقلىق داھىيسى ۋە جەڭچى بولۇپ كەلدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئىلغار نېگىرلار تەشكىلاتى-ئامېرىكا رەڭلىك جىنس ئىلغار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، ئافرىقا ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نېگىرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئافرىقا نېگىرلىرىنىڭمۇ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى، ئۆزىنىڭ نېگىر بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەندى. دوبۇئىس ئاتاقلىق نېگىر مۇتەپەككۇرى ماركوس كاۋىيغا ئوخشىمايتتى، ماركوس كاۋىي ئامېرىكا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نېگىرلارنى قىتىئەلەر ئارا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈش چارىسى ئارقىلىق ئەسلىي يۇرتى ئافرىقىغا يۆتكەپ، ئۇ يەردە نېگىرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش يولى بىلەن نېگىرلارنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. دۇبوئىس كاۋىينىڭ تەشەببۇسىغا قارشى ئىدى. دۇبوئىس نېگىرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ كۈرىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىش، ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم دەپ قارايتتى. دۇبوئىس زورلۇق كۈچ بىلەن ئىنقىلاب قىلىشنى، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق نېگىرلارنى ئازاد قىلىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلاتتى. لېكىن دۇبوئىس نېگىرلارنىڭ ئازادلىق يولىنى ئىزدەش داۋامىدا بىر مەھەل ئەگرى يوللارنى ماڭدى، ئۇ دەسلەپتە بىلمنىڭ كۈچى چەكسىز، تەربىيە كۆرگەن زىيالىيلارنىڭ «يېتەكلىشى» ئارقىلىق ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى كەمسىتىش ھادىسىلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ دەپ خام خىيال قىلدى. خۇددى ئۆزى خۇلاسە قىلغاندەك: «مەن سىلەر ئافرىقىلىقلارنى بىر مەھەل سەبىي بالا چاغلاپتىمەن. بىز ئافرىقىدىكى تەربىيە كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار سىلەرنى ئەركىنلىك يولىغا يېتەكلىيەلەيمىز دەپ خاتا ئويلاپتىكەنمەن. مانا ئەمدى بىز ئۆزىمىزگىمۇ رەھبەرلىك قىلالمىدۇق.» دېمەك، كۈرەش ئەمىلىيىتى ئۇنى تەربىيىگە ئىگە قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قارىشىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، نېگىرلارنىڭ ئازادلىقى پرولېتارىيات ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي پارتىيىسى رەھبەرلىكىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تونۇپ يەتتى. ئەكسىيەتچى كۈچلەر مەيلى قانچە غالجىرلاشسۇن، ئۇ غەزەپ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تەمكىن، ئېغىر-بېسىق ھالدا ھاياتى ئاخىرلاشقۇچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. بىز بارلىق ھوقۇققا-سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-ھوقۇقىغا ئېرىشمىگۈچە كۈرەشنى ھەرگىز توختاتمايمىز» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

دۇبوئىس ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نېگىرلار بىلەن ئافرىقا قىتئەسىدىكى خەلق بىرلىشىپ ئورتاق كۈرەش ئېلىپ بېرىش نېگىر ئازادلىقىنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ قارىدى ۋە «پان ئافرىقا ھەرىكىتى» نى پائال تەشەببۇس قىلدى ھەم ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇشۇ «پان ئافرىقىزم» نىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. 1919-يىلدىن بۇيان، دۇبوئىس ھەر قېتىملىق پان ئافرىقا يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە رەھبىرى سۈپىتىدە، ئافرىقا قىتئەسىدىكى خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئازادلىقنى تېزلىتىش يولىدا تارىخ بېتىدىن ئۆچمەيدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشۇپ، «پان ئافرىقىزمنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەندى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئافرىقا بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك»، «كۆپچىلىك بىرلىشىڭلار» دېگەن زامانىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك سادا ھازىرغىچە ئافرىقا خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى مۇستەھكەملەش، مۇستەملىكىچىلەرگە، جاھانگىرلارغا، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرىگە ئىلھام بەرمەكتە. دۇبوئىس نېگىرلارنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغان ئەزىمەت بولۇشقا مۇناسىپ.

دۇبوئىسدۇبوئىس جۇڭگو خەلقى بىلەن چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇق ئورناتقان، جۇڭگو خەلقنىڭ سادىق دوستى ئىدى. ئۇ «گەرچە مەن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى بىلەن ئۇچراشقۇدەك ھەم ئۇلارنى چۈشەنگىدەك پۇرسەتكە ئىگە بولالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۆسمۈر ۋاقتىمدىن باشلاپلا ئۆزۈمنى ئۇلار بىلەن يېقىن ھېس قىلاتتىم. ئۇلار مېنىڭ ھەقىقىي قېرىنداشلىرىمدەك تۇيۇلاتتى» دېگەن ئىدى. دۇبوئىس جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلدى ۋە قوللىدى. 1936-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا نالە قىلىۋاتقان جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆزىنى قىلچە ئايىماي، قاتىل جياڭ جيشىگە قورال-ياراغ، پۇل بېرىپ» جۇڭگو خەلقىنى قىردۇرغان جىنايى قىلمىشىنى غەزەپ بىلەن ئەيىپلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنى تەيۋەننى بېسىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، تەيۋەننى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى جۇڭگو» پەيدا قىلىش سۈيىقەستىگە قارشى تۇردى. 1958-يىلى پۈتۈن ئافرىقا خەلقى يىغىنى گانانىڭ پايتەختى ئاككرادا ئۆتكۈزۈلگەندە، دۇبوئىسنىڭ رەپىقىسى بىلەن ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ناخشىچى روبېسوننىڭ رەپىقىسى ئۆز قوللىرى بىلەن تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ «دۆلەت بايرىقى» نى چۈشۈرۈپ، يىغىن مەيدانىدىن تاشلىۋېتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىدى، ئۇلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ماختىشىغا ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇبوئىس جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىشنى، ھەتتا چۈشىدىمۇ تەلەپ قىلدى، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى 1959-يىلى ئاران ئىشقا ئاشتى، 1962-يىلى دۇبوئىس رەپىقىسىنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم ئېلىمىزنى زىيارەت قىلدى. ماۋزېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي ھەر قېتىمدا ئۇلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، بولۇپمۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، 1959-يىلى دۇبوئىس تۇنجى قېتىم يېڭى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ 91 ياشقا كىرگەن كۈنىنى خاتىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇ زۇڭلى ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلدى. مۇئاۋىن زۇڭلى چېن يى خاتىرلەش زىياپىتىگە قاتناشتى. يولداش گو مورو ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. دۇبوئىس يىغىندا قىزغىن سۆز قىلىپ، ئەڭ ياخشى سۆزلەر بىلەن جۇڭگو خەلقنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ۋە قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى ماختىدى. ئۇ تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جۇڭگو نەچچە مىڭ يىلنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى قەد كۆتۈردى! قۇياش ئاخىرى شەرقتە كۆتۈرۈلدى! دەپ توۋلاپ كەتتى، چەكسىز ھاياجان ئىچىدە ئافرىقا خەلقىگە ئافرىقا قوزغال! بېلىڭنى رۇسلا! كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا قارا! جۇڭگو سىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن قان-قېرىندىشىڭلار، ھېچكىم جۇڭگودەك ئۆز دوستلۇقىنى ۋە ھېسىياتىنى قارىلار قۇرۇقلۇقىغا بېغىشلىغان ئەمەس دەپ مۇراجىئەت قىلدى. چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ سۆزلەر ئامېرىكا ۋە ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. دوبۇئىس ۋاپات بولغىنىغا 18 يىل بولدى، لېكىن ماۋجۇشى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بۇ ئۇلۇغ كىشىنىڭ «نېگىرلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان ئىش-ئىزلىرى، ئۇنىڭ ئىلىمدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان ھەقىقىي دوستلۇقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ».

مۇستەھكەم كوممۇنىزم جەڭچىسى دۇبوئىسنىڭ ھاياتى ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى ئىزلەش ئۈچۈن ئۈزۈل-كېسىل ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان ھايات، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچىدىن كوممۇنىزمغا ئايلانغان ھايات. ئۇ بۇرۇنلا ماركسنىڭ «كاپىتال»، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسى» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزم ئېتىقادىنى شەكىللەندۈرگەن. دۇبوئىس لېنىن قۇرغان سوۋېت دۆلىتىگە «چوڭقۇر ئىشتىياق» باغلىغان. 1926-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. لېنىن، ستالىن دەۋىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ پارلاق نەتىجىسى ئۇنى كۈچلۈك جەلپ قىلغان. ئۇنىڭدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر پەيدا قىلغان ۋە ئۇنىڭغا زور ئىلھام بەرگەن. ئۇ «كوممۇنىزم رۇسىيەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىمۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ» دىغانلىقىغا، «سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىنىڭ شۈبھىسىز» ئىكەنلىكىگە ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كەسكىن ھالدا كوممۇنىزم «ئۇزاق ئۆتمەي ئافرىقىدا ئىشقا ئاشىدۇ، ئافرىقىدا مىسلىسىز گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دېگەن. سوتسىيالىزمنىڭ غەلبىسى دۇبوئىسنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھەمدە ئۇ ئۆزىنى كوممۇنىزمغا بېغىشلاشقا بەل باغلىغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىمۇ ئىرادىسىدىن يانماي كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرىشنى تەلەپ قىلدى، 1962-يىلى ئۇ 93 يېشىدا يولداش فوستېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، كۈچلۈك كوممۇنىزم جەڭچىسىگە ئايلاندى. جۇزۇڭلى دۇبوئىسنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە دۇبوئىسنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە كىرگەنلىكى ئۇنىڭ «پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلىقى، كوممۇنىزم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ ئىرادە باغلىغانلىقى»، ئۇنىڭ بۇ ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش روھى «بارلىق ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى» دەپ قارىغان.  

1963-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، گانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئاككرادا 95 ياشلىق بىر نېگىر ئالىم بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى. دەۋىرىمىزنىڭ بىر يۇلتۇزى ئېقىپ كەتتى. شۇم خەۋەر تارقىلىشى بىلەن تەڭ، پۈتۈن دۇنيا قايغۇغا چۆمدى. ماۋزېدوڭ، جۇ ئېنلەي، مۇئاۋىن ۋېي يۈنجاڭ، سۇڭ چىڭلىڭلار ئايرىم-ئايرىم تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ماۋجۇشى تەزىيە تېلېگراممىسىدا بۇ ئالىمنى «دەۋىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ كىشىسى» دەپ تەرىپلىدى. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#