دۆلەتباغ يېزىسى

دۆلەتباغ يېزىسى

دۆلەتباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەتباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 30 كۋادرات كىلومېتىر
قارىمىقىدىكى رايونلار 18 مەمۇرىي كەنت
خەنزۇچە ئاتىلىشى 多来特巴格乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى
نوپۇسى 14 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلەتباغ يېزىسىدۆلەتباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 14 مىڭ بۇلۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %97 كە يەتكەن. جەنۇبىي رايونىدا ئېقىنلاردىن قىزىل دەرياسى، شىمالدا تۈمەن دەرياسى جەنۇبقا قاراپ قىزىل دەرياسىغا ئېقىپ كىردۇ. «314» دۆلەت يولىنىڭ چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتباغ يېزىسىدا قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن ئارسلانخان مازىرى بار. 

دۆلەتباغ يېزىسىدۆلەتباغ يېزىسى قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق يېزا. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى قوغان رايون قاراشلىق يېزا بولغان. 1952-يىلى قەشقەر شەھىرى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن نامىنى دۆلەتباغ يېزا قىلىپ ئۆشگەرتكەن. 1966-يىلى شەرق قىزىلى گۇڭشېسى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1984-يىلى قايتا دۆلەتباغ يېزىسى قىلىپ  ئۆزگەرتكەن. 

دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ : ياركۆلبېشى كەنتى، ئارسلانخان كەنتى، چوڭ كۆلبېشى كەنتى، ئاقيار بېشى كەنتى، كۆۋرۈكبېشى كەنتى، ئەسلىكۆل كەنتى، قەدىمىيجاي كەنتى،, باغچى كەنتىى، تۇرپان كوچىسى كەنتى، تاربوغۇز كەنتى، يانبۇلاق كەنتى، ئەگرىيار كەنتى، سوپىلار كەنتى، ئاياقسوزاق كەنتى، توقاي كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، لەڭگەر كەنتى، تىل سۇزاق كەنتى قاتارلىقلار.

دۆلەتباغ يېزىسىئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات رايونى بار. باقمىچىلىقتا كالا، قوي بورداش ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ياغاچ ماتېرىياللىرى توپ سېتىش سودا بازىرى تەسىس قىلىنغان. بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، ترانسپورت، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، پىلاستىك ماتېرىيال (سۇلياۋ)، پار قازان ياساش قاتارلىق يېزا-بازار كارخانىلىرى  بار.[0] 


 

ئۇنىڭغا 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى : يار كۆلبېشى كەنتى ئارسلانخان كەنتى , چوڭ كۆلبېشى كەنتى , ئاقيار بېشى كەنتى , كۆۋرۈكبېشى كەنتى , ئەسلىكۆل كەنتى , قەدىمىيجاي كەنتى , باغچى كەنتىى , تۇرپان كوچىسى كەنتى , تاربوغۇز كەنتى , يانبۇلاق كەنتى , ئەگرىيار كەنتى , سوپىلار كەنتى , ئاياقسوزاق كەنتى , توقاي كەنتى , تۆۋەنكىھويلا كەنتى , لەڭگەر كەنتى , تىل سۇزاق كەنتى .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#