نېرۋا ئۇچى ياللۇغى

نېرۋا ئۇچى ياللۇغى

نېرۋا ئۇچى ياللۇغى بولسا كۆپ خىل سەۋەبلەردىن بولىدىغان بولۇپ يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىرسىيەت قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ سېزىمى يوقىلىش ياكى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى نېرۋا ئۇچى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى نېرۋا
ئاساسلىق ئالامىتى مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش
خەنزۇچە نامى 多发性末梢神经炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى peripheralpolyneuritis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېرۋا ئۇچى ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىرسىيەت ۋە سەۋدا ماددىسىنىڭ غەيرىي نورماللىقى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ سېزىمى يوقىلىش ياكى ئاجىزلىشىش، بەزىلىرىدە سېزىمى ئېشىپ كېتىش، ئاغرىش، قولىشىش، ئېغىرلاشقاندا مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاخىرىدا يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: پىلە غوزىسى 500 گىرام، خولىنجان، مەستىكى، ئېگىر 30 گىرامدىن، زەپەر 10 گىرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى تازىلاپ، ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

نېرۋا ئۇچى ياللۇغىتەركىبى: زۇرانبات، دۇرۇنەج ئەقرەبى، مەرۋايىت، كەھرىۋا، بىخ مارجان 40 گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سازەج ھىندى، سۇمبۇل، قاقىلە، قەلەمپۇر 20 گىرامدىن، ئۆشنە، پىلپىل، زەنجىۋىل 16 گىرامدىن، ئىپار سەككىز گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، پىلە غوزىسىنى يۇمشاق قىرقىپ، ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 30 گىرامدىن، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 15 گىرامدىن، غارىقۇن توققۇز گىرام، نارمىشىك، سۇمبۇل، لاچىندانە، مەستىكى، گاۋزىبان، ئاپېلسىن پوستى، رەۋەن، زەپەر ئۈچ گىرامدىن، قىزىلگۈل، رۇببىسۇس 15 گىرامدىن، ھەسەل 729 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#