ئېددىنگتون

ئارتور ئېددىنگتون  (1882 −1944) بىر ئۆمۈر بويتاق ياشاپ، خوتۇن ۋە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، بىراق قەيسەرانە روھ بىلەن ئېينىشتېين نىڭ «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ، ئىنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى قالدۇردى، بۇ ھەقىقەت: «نيۇتون مېخانىكىسىغا ئوخشاش مۇشۇنداق شانلىق ئىلمىي ھۆكۈمنىمۇ مۇئەييەن دائىرىدىلا تەتبىقلىغىلى بولىدۇ، بولمىسا، خاتا خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئارتور ئېددىنگتون
باشقا نامى 爱丁顿
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882-يىل
كەسپى ئاسترونوم، فىزىكا ئالىمى، ماتېماتىك
ئېنگېلىزچە نامى Arthur Stanley Eddington
خەنزۇچە ئىسمى 亚瑟·斯坦利·爱丁顿
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1944-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  ئېددىنگتون ئەنگلىيە نىڭ كېندال دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە كۆرگەن، 1905-يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نى پۈتكۈزگەن. 

 1916-يىلى ئېينىشتېين نىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيە ئىنتايىن ئابستراكت، چۈشىنىش قىيىن بولغاچقا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسى سۇس بولغان. يەنە بۇ نەزەرىيەنىڭ نۇرغۇن خۇلاسىلىرى نيۇتون نىڭ فىزىكىسى بىلەن زىت بولغاچقا، ھەتتا بەزى ئادەملەرنىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلغان. ئېددىنگتون ئەينى چاغدا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئاز ساندىكى ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا ئەمەلىي كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىلا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئايان ئىدى. 1919-يىلى غەربىي ئافرىقىدا كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ، ئېددىنگتون كۈن تۇتۇلۇشنى كۆزىتىش ئەترىتىدىن ئىككىنى ۋاقتىدا تەشكىللەيدۇ ۋە ئۆزى بىر ئەترەتنى باشلاپ كۆزىتىشكە بېرىپ، ئېينىشتېين بېشارەت بەرگەن ھادىسىنى تۇنجى قېتىم بايقايدۇ. بۇ بايقاش ئىلىم-پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە شانلىق نۇرىنى چاچىدۇ.

ئېددىنگتوننىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلىدىغان يەنە بىر نەتىجىسى قۇياشنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاتوم يادرو رېئاكسىيەسىدىن كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلغانلىقى. ئۇ كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: قۇياش مەركىزى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى  20 مىليون سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ھەر مىنۇت-سېكۇنتتا يۈز بەرگەن ھىدروگېن بومبىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدىغان جەريان قۇياشنى تۈگىمەس نۇر ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كېيىنكى تەتقىقاتلار ئېددىنگتوننىڭ پىكرى ئاساسەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#