بۇلغارىيە

بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بىر دۆلەت. ئۇ رۇمىنىيە، سېربىيە، ماكېدونىيە، گرېتسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى بۇلغارىيە
ۋاقىت رايونى UTC+2
دۆلەت تىلى بۇلغار تىلى
نوپۇسى 7 مىليون 588 مىڭ 570 ( 2013 - يىلى )
خەنزۇچە ئاتىلىشى 保加利亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
پايتەختى سوفىيە
سىياسى تۈزۈلمىسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 111001.9 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇلغارىيەبۇلغارىيەنىڭ 2013-يىللىق نوپۇسى 7 مىلىيون 588 مىڭ 570 بولۇپ، ئاھالىنىڭ %80 نى سلاۋيان تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان بۇلغارلار، %10%نى تۈركلەر، %5 نى سىگانلار، %3 نى پوماكلار (مۇسۇلمان بۇلغارلار)، %2 نى ماكىدون، ئەرمەن ۋە باشقىلار ئىگەللەيدۇ. ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىس سىلاۋيان تىللىرى ئائىلىسى شەرقى تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بۇلغار تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ ئاھالىنىڭ %84 بۇلغار تىلىنى ئانا تىل قىلغان. بۇلغارىيە دۇنيادىكى نوپۇسى تېز ئازىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 

بۇلغارىيەبۇلغارىيە زىمىنى ھىتىتلارنىڭ (مۇستەقىل تىل ئائىلىسىدىكى ياۋروپا تىلى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنلا يۇنانلىقلار ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىردىن كېيىن ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بۇلغار تۈركلىرى ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 395-يىلدىن باشلاپ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 6-ئەسىردىن كېيىن جەنۇپقا كۆچكەن سلاۋيانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان ۋە 681-يىلى تۇنجى بۇلغار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 10-ئەسىرگە كەلگەندە بۇلغارىيە پادىشاھلىقى كۈچىيىپ، ماكىدونىيە، ئالبانىيەنىڭ جەنۇبى ۋە گىرىتسىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى بويسۇندۇرۇپ شەرقى ياۋروپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالغان، بۇ جەرياندا ماكىدونىيەدىكى ئەسلى ئىرىلىيە ۋە گىرىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاھالە ئاساسەن سىلاۋيانلىشىپ ھازىرقى زامان ماكىدون مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادى 1018-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى بۇلغارىيىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالغان. 1185-يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1396-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1877-يىلى تۈركىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنچى يىلى بۇلغارىيە يەنە بىر قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۆپ قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قالغان، 1990-يىلى كومپارتىيە تەختتىىن چۈشكەندىن كېيىن پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان.

بۇلغارىيە 2007 -يىلى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا رەسمى ئەزا بولغان. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

بۇلغارىيەبالقان تېغى بۇلغارىيەنىڭ شىمالىدىكى دوناي دەرياسى ۋە جەنۇبىدىكى تراتسى پەس. غەربى جەنۇبى رودوپى تاغ تىزمىسى، ئۇنىڭ مۇسارا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2925 مېتىر، بۇلغارىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى. شەرىقتە بۇلغارىيە قارا دېڭىز، دۇناي دەرياسى بۇلغارىيە ۋە رومىنىيە بىلەن بولغان چېگرا دەريا. 

تەبىئىي مۇھىتى  

بۇلغارىيە ياۋروپانىڭ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى رۇمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب تەرىپىدە تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى سېربىيە ۋە ماكېدونىيە بىلەن قوشنا، شەرقىي تەرىپى قارا دېڭىز بىلەن قوشنا. كۆلىمى 111001.9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 378 كىلومېتىر. پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى تاغلىق ۋە ئېدىرلىق. چېگرا ئىچىدىكى پەس، ئېدىرلىق، تاغلىق ھەرقايسى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. 

كىلىماتى  

بۇلغارىيەشىمالىي قىسمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك كىلىماتقا كىرىدۇ، جەنۇبىي قىسمى ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە، قىشتا بىر قەدەر ئىللىق. ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1 - ئايدا : 2 ~ 2 گىرادۇس، 7 - ئايدا : 23 ~ 25 گىرادۇستا ساقلىنىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تۈزلەڭلىكتە 450 مىللىمېتىر، تاغلىق رايونلاردا 1300 مىللىمېتىر. 

جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى 

تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، تاغلىق، ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلىىگە ئىگە، كۆل، دەريا ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى تەخمىنەن % 30. 

بايلىق جۇغراپىيىسى 

تەبىئىي بايلىقى كەمچىل، ئاساسلىق كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنىك، مىس، ئۇران، مانگان، خروملۇق پولات، مىنېرال تۇز ۋە ئاز مىقداردا نېفىت زاپىسى بار. ئورمان كۆلىمى 388 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن % 35 نى ئىگىلەيدۇ.

بۇلغارىيە - ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم بىر ئۆتەڭ دۆلەت. ئۇنىڭ تۆمۈر يول ۋە تاشيول تورى زىچ. سوفىيە، ۋارنافلار ۋە بۇرگاس ئايرودرومى بار. شۇنداقلا ئىككىسى مۇھىم دېڭىز پورتى. 

ئاساسىي قانۇن 

ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن1991 - يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ماقۇللانغان، ھەمدە ئەتىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە كاپالەتلىك  پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەت، زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلقئارادا قوغداش ۋەكىللىرى. 2006 - يىلى 3 -ئايدا، بۇلغارىيە مىللىي پارلامېنت ماقۇللىغان يېڭى ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى، يېڭى ئاساسىي قانۇن ئاساسلىقى پارلامېنت ئەزاسى قانۇن يۈرگۈزۈش كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەدلىيە مىنىستىرى ھوقۇق دائىرىسى شۇنىڭدەك ئەڭ يۇقىرى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھوقۇقىغا ئىگە.  

پارلامېنت

بۇلغارىيە پارلامېنتى مىللىي پارلامېنت دەپ ئاتىلىدۇ، پارلامېنت باشلىقى خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتىنىڭ 1879-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قەدىمىي شەھەر تىرنوۋو قۇرۇلغان، تۇنجى نۆۋەتلىك پارلامېنت باشلىقى ئەن تىم Ⅰ بىرىنچى قېتىم باش بولغان. بۇلغارىيە پارلامېنت بۈيۈك مىللىي پارلامېنت دەپ ئايرىلىدۇ ۋە ئادەتتىكى خەلق پارلامېنتى، بۈيۈك مىللىي پارلامېنت ئاساسىي ۋەزىپىسى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، ئۆزگەرتىش زېمىن ئۆزگەرتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بارلىققا كەلگەن. 

بۇلغارىيە2008 -يىلى بۇلغارىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 49 مىليارد 850 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 13 مىڭ 200 دوللار توغرا كەلگەن. بۇلغارىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %5-%6 بولۇۋاتىدۇ. بۇلغارىيەنىڭ  تېرىلغۇ يېرى ۋە كان بايلىقى قىس بولسىمۇ، دۇنيا بويىچە ئەتىرگۈل ئىكىسپورتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، مەملىكەت زىمىنىنىڭ %35 نى ئورمانلىق ئىگەللىگەچكە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ سابىق سوتسىيالىستىك ئەللەر ئىچىدىكى باي دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1978-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ %11.8 ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2008-يىلى بۇلغارىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %4.6، سانائەت %28.1، مۇلازىمەت %66.7 نى ئىگەللىگەن. ئىقتىسادىنىڭ %2.6 ى ھەاربى ئىشلارغا، %4.5 مائاراىپ ئىشلىرىغا ئىشىتىلگەن بۇلغارىيەدە مۇقىم تېلپون ئابونتى 2 مىلىيون 300 مىڭ،

 يانپون ئابونتى 9 مىليون897 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 2 مىلىيون 200 مىڭ بولغان.

يېزا ئىگىلىك 

 تارىختا بىر يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ئىدى، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، تاماكا، كۆكتات قاتارلىقلار بار. مەملىكەت بويىچە تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن % 40 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، تاماكا، قوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار بار، كۆكتات، مېۋە-چىۋە كۆپ چىقىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە، بولۇپمۇ قېتىق، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش تېخنىكىسى بىلەن داڭلىق. سىگار تاماكىنىڭ چىقىرىش مىقدارى ۋە قىزىلگۈل مېيىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

سانائەت 

 ماشىناسازلىق ياسىمىچىلىقى ( توشۇش كران ماشىنىلىرىنىڭ ، ئېلېكترلىك سايمانلار، ماتور، مېتال كېسىش، قىرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق )، خىمىيە سانائىتى، مېتاللۇرگىـيـە، دوراياسىماق ، ماينىداغلىماق، يېمەكلىك پىششىقلاش ئاساس قىلىنىدۇ. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن مېتاللۇرگىيە، ماشىنىساز، خىمىيە سانائىتى، گىنىراتۇر بىلەن ئىلىكتىر، يېمەكلىك ۋە يېنىك سانائەت، توقۇمچىلىق قاتارلىقلار. 

ساياھەتچىلىك 

 ساياھەت كەسپى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. 

تاشقى سودا 

تاشقى سودا ئىقتىسادنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاساسلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى ، ئېلېكترون قاتارلىق مەھسۇلاتلار، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى، خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك، مـاشىـنـا، قورال ‐ ياراغ، رەڭلىك مېتال قاتارلىقلار.

بۇلغارىيە مائارىپى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەت، شەرقىي ياۋروپادا جىددىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بۇلغارىيە بىلىم ۋە تېخنىكا ئاساسى دۇنيا ۋە ياۋروپا ئەڭ ياخشىسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، ئۇنىڭ تېخنىكا، ماتېماتىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدە ۋە بەزى ئالاھىدە ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئەمەلىي كۈچى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.sogou.com/v746856.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#