ئاق قېيىن باغچىسى

ئاق قېيىن باغچىسى

ئاق قېيىن باغچىسى چىڭگىل ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، چىڭگىل دەرياسىنىڭ شەرقىي يان تەرىپىدىكى دەريا بويىدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1230 مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق قېيىن باغچىسى
ئادېرىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى
كۆلىمى 1860 كۋادىرات مېتىر
كىلمات تۈرى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 白桦公园
تەۋە رايون ئالتاي
تۈرى ساياھەت نۇقتىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1994-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق قېيىن باغچىسىئاق قېيىن باغچىسى چىڭگىل ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، چىڭگىل دەرياسىنىڭ شەرقىي يان تەرىپىدىكى دەريا بويىدا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1230 مېتىر. قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. ئاق قېيىن باغچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 610 مېتىر، كەڭلىكى 305 مېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 1860 كۋادىرات مېتىر، ئاساسەن پاراللېل تۆت تەرەپلىك شەكىلىدە. باغچا ئىچىدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق قېيىن ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە ئارلاش ئۆسكەن سۆگەت، تېرەك ۋە باشقا چاتقاللار، ئازغان، سېرىق تىكەن قاتارلىقلار بار، ئالتاي قېيىنى ئىللىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۆمرى ئادەتتە 150 ~ 250 يىلغىچە، يەككە تۈپتىكىلىرى 300 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ. باغچا ئىچىدىكى ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېگىزلىكى 10 ~ 25 مېتىر كېلىدۇ، دىيامېتىرى 10 ~ 30 مېتىر بولىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغاندىمۇ 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئورماننىڭ باراقسانلىق دەرىجىسى 0.4 تىن يۇقىرى، تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە. ئاق قېيىن باغچىسى 1994-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىر 400 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ بولغان، باغچا ئىچى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، تاش شىرە، تاش ئورۇندۇق، ھەجەڭگە، لىڭگىرتاقتاق، سىيرىلما شوتا قاتارلىق ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#