ayturk
ھالىتى :
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 424
شۆھرەت: 435 نۇمۇر
پۇل: 3840 سوم
تۆھپە: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:351(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-04
|
سۇيۇق ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ - ﻣﺎﺷﺨﻮﺭﺩﺍ
[خۇرۇچى] گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، گۈرۈچ 280 گرام، پالەك مۇۋاپىق، ياغ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ماش 175 گرام، پىننە ياكى رەيھان ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، لازا ئىككى شوخ، سەۋزە ئىككى باش، زىرە مۇۋاپىق مىقداردا. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش، پەمىدۇر ۋە پىيازنى ئۇششاق، سەۋزىنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. يۇمغاقسۈت چانىلىدۇ. پىننە ئۇششاق ئۇۋۇلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە ماش يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، سارغايغاندا پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ، دورا – دەرمەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلانغان ماشنى سېلىپ ئېتىلغىچە قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ يەنە 25~30 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن تۇز سېلىنىدۇ (گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قازان چۈشۈرۈلۈپ بىر ئاز دەم تىندۇرۇلىدۇ). ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، لازا، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] تەمى ئۆزگىچە، سۈيى سۈزۈك ھەم گۈرۈچ ھەم ماش تەمى بار.
|
|
[10 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-07 18:41 |
| |