خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇتىن تۈركىيەدىن قىساس ئالماقچى، ئامېرىكا تۈركىيەگە ھەمدەم بولماقچى

پۇتىن تۈركىيەدىن قىساس ئالماقچى، ئامېرىكا تۈركىيەگە ھەمدەم بولماقچى

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 3024 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا تۈركىيەدىن قىساس ئالىدىغانلىقىغا بېشارەت بەردى، ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

«پۇتىن نېمە دەر؟»تۈنۈگۈن كۆپلىگەن خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرى موسكۋاغا تىكىلدى، پۇتىننىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدىن دۇنيا سىياسىيسىغا قانداق «شەپە»بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشتى

گەرچە بۇ قېتىمقىسى 2000- يىلدىن بۇيان 12پارچە دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلىشى بولسىمۇ، بىراق بۇ يىلقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، A321 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىردا تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتتى، سوۋېت- 24 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى تۈركىيە چۈشۈرۈۋەتتى.... رۇسىيە تولىمۇ «ئەنسىز بىر يىل»نى باشتىن كەچۈردى.

پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى بېرىشتىن بۇرۇن، «شام ئىسلام دۆلىتى» بىر نەپەر رۇسىيەلىك جاسۇسنى بىر تەرەپ قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىرگە غەربنىڭ جازاسى، ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق «كونا كېسەللەر» كىرېمل سارىيىنىڭ بۇ كۈچتۈڭگۈرىنى ھالسىراتتى. «بىز قورال كۈچىمىزنى كۆز - كۆز قىلىشقا تەييارلىق قىلمىدۇق، بىراق كىم، ئىلگىرىكى قېتىمدىكىدەك قەبىھ ھەربىي ئىشلار جىنايىتى سادىر قىلىدىكەن، بىزنىڭ ئادىمىمىزنى قەتلى قىلىدىكەن، يەنە بۇرۇنقىدەك پەمىدۇر زاۋۇتى ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى شۇنداقلا باشقا ساھەلەر بىلەن چەكلىنىپلا ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلايدىكەن، شۇنداق ئويلىغۇچى چوڭ خاتالاشقان بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بارلىق قىلمىشىگە ئەسكەرتىش بېرىشنى توختىتىپ قويمايمىز، بىز ئۇلار پۇشايمان قىلغانغا قەدەر ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز»دېدى پۇتىن، خۇددى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈتكىنىدەك ئەڭ كەسكىن سۆزلەر بىلەن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغان.

گەرچە سۆز قىلىشتا پۇتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسىمۇ، بىراق ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، رۇسىيە،غەرب رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خەلقئارالىق پىكىرىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس. «بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تۈركىيە «شام ئىسلام دۆلىتى»بىلەن نېفىت سودىسىدا پايدا ئۈندۈرۈۋالدى، دېگەن ئەيىبلىشى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق رەددىيەسىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكىنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق بايانات ئېلان قىلغۇچىسى ۋولۇن:« <شام ئىسلام دۆلىتى>بىلەن بولغان كۈرەشتە، تۈركىيە بىزگە ئىزچىل ناھايىتى ياخشى ھەمراھ بولۇپ كەلدى»دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تونا:«تۈركىيە ھۆكۈمىتى <شام ئىسلام دۆلىتى>بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالمىدى ۋە ئۇلار بىلەن قانۇنسىز نېفىت سودىسى قىلمىدى. بىز ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيمىز، مەيلى قانداق ئۇسۇل ۋە شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر» دېگەن.

«تېررورلۇق رۇسىيە بىلەن غەربنى قايتا دوستلاشتۇرالامدۇ؟» ئامېرىكا «ئوربىتا پوچتا گېزىتى»نىڭ دېيىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىستلارنىڭ تەھدىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن غەربنى ئارىدىكى ئىختىلاپىنى چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلغان، ھازىر «شام ئىسلام دۆلىتى» ئىككىنچى ھېتلېرغا ئۆزگەردى. لېكىن، غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەقسىتى بەشەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئىكەن. بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكۋانىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن «شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ كونا ئىختىلاپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن، ئىككى تەرەپنىڭ «دوست» بولۇشىدىن ئۈمىد يوقكەن. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئورلى كولنىڭ بىلدۈرۈشىچە:«ۋاشىنگتون موسكۋاغا ئەسلا ئىشەنمەيدىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىدا غايەت زور ئىختىلاپ مەۋجۇتكەن».

مەنبە: نۇر خەۋەرلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى