خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

​كىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ؟

​كىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 1892 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ؟

ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېغىز ئۇرۇشى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى. قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋېتىشىن كېلىپ چىققان جېدەل داۋاملىشىدىغاندەك، بىراق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىدىن ھالقىپ كەتمەيدىغاندەك. بىراق بۇ ئىشنىڭ ئەكسى، باشقا بىر سۇئال پەيدا قىلىدۇ، يەنى:كىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ؟

قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 27- نويابىر كىم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى بىر قەدەر چوڭقۇر تەھلىل قىلغان خەۋەرنى ئېلان قىلغان. تەپسىلىي تەھلىل قىلىشنىڭ چوڭقۇرلۇق جەريانى باشقا ھەرقانداق خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن ئېشىپ چۈشكەن.

يېرىم ئارال ئاخبارات تورى چوڭقۇر تەھلىل قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» كونترول قىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم نېفىتلىكلەر سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئازراق بىر قىسمى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىكەن. گەرچە ئالدىنقى بىر يىلدا «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە مۆلچەرلىنىشىچە «شام ئىسلام دۆلىتى»تەخمىنەن كۈنىگە 34 مىڭ تۇڭدىن 40 مىڭ توڭغىچە نېفىت سېتىپ كۈنىگە 1 مىليون 500 مىڭ دوللار كىرىم قىلىدىكەن.

«شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتى پەرەز قىلىنىشچە ئۈچ يەرگە سېتىلىدىكەن:بۇنىڭ بىرىنچىسى، كۆپ قىسىم نېفىتلەر بۇ تەشكىلات كونترول قىلىۋاتقان ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتناش، ئېلېكتىر ۋە باشقا تۇرمۇشى ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن، بۇنداق ئىشلارمۇ نېفىت سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن. «شام ئىسلام دۆلىتى»كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردا تەخمىنەن 10 مىليون نوپۇس بولۇپ، بۇلارمۇ تەبىئىيلا زور مىقداردىكى نېفىتكە ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇ سودىلارنىڭ ھەممىسىنى «مۇستەقىل ساتارمەنلەر» تاماملايدىكەن؛ ئىككىنچىسى، قالدى بىر قىسىم نېفىتنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بەشەر ئەسەدنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان ئۆكتىچى قوراللىقلىرى سېتىۋالىدىكەن. بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ گەرچە «شام ئىسلام دۆلىتى»بىلەن دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، بىراق نېفىتنى «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن سېتىۋېلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقكەن؛ قېپ قالغان قىسمى چېگرا ھالقىپ ئىيوردانىيە ۋە تۈركىيەگە سېتىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ ئۈچ قىسىمدىن باشقا، بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جازالاشقا ئۇچرىغان بەشەر ئەسەدنىڭ ھاكىمىيىتىمۇ ئارىدىكى «بېدىك»لەر ئارقىلىق «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن نېفىت سېتىۋالىدىكەن. «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ 25- نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بەشەر ئەسەدنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن نېفىت سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكىنىڭ دېيىشىچە، سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ساتارمەنلەر بەشەر ئەسەدنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن نېفىت سېتىۋېلىشتا «بېدىك»لىك رولىنى ئوينايدىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىسترلىقى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ساتارمەنلەرنى ئاللىبۇرۇن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ بولغان. «خەلقئارا ساتارمەنلەر ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەردوغانمۇ بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن نېفىت سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، بەشەر ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە تەرەپ بۇ خىل كۆز - قاراشنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئۇنداقتا چېگرادىن ئۆتۈپ ئىيوردانىيە ۋە تۈركىيەگە ئەتكەس قىلىنغان نېفىتلەرنى ئەڭ ئاخىردا زادى كىم سېتىۋالىدۇ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ سودا چەمبىرىكىدە بارمۇ- يوق؟

يېرىم ئارال ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى «شام ئىسلام دۆلىتى»بىلەن بىۋاسىتە نېفىت سودىسى قىلمايدىكەن. چېگرادىن ھالقىپ تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيەگە سېتىپ بېرىلگەن نېفىت سودىسىنىڭ ھەممىسىنى چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى «مۇستەقىل ساتارمەنلەر» قىلىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ئاخىردا زادى كىمنىڭ بۇ نېفىتلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئىنتايىن قىيىنكەن.

بىراق يېرىم ئارال ئاخبارات تورى بۇ پىروگراممىدا قويغان بىر بۆلەك سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، ئەردوغان رۇسىيەنى، تۈركىيەگە «بوھتان چاپلىدى»، «دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ناھايىتى ئېنىق، بىز كۆپ قىسىم ئېنېرگىيەنى رۇسىيەدىن كىرگۈزىمىز» دېگەن.

مەنبە: نۇر خەۋەرلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى