خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاسىيادىكى 17 دۆلەتنىڭ جۇڭگو پاسپورتىغا قارىتا ئەڭ يېڭى ۋىزا سىياسىتى

ئاسىيادىكى 17 دۆلەتنىڭ جۇڭگو پاسپورتىغا قارىتا ئەڭ يېڭى ۋىزا سىياسىتى

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 2587 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «جۇڭگو پۇقرالىرىغا تاق يۆنىلىشلىك شەرتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان ياكى يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋىزا بېجىرسە بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»دە ئاسىيادىكى مالدىۋې، تايلاند، سرىلانكا، نېپال، لائوس، ۋىيېتنام، برۇنېي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كامبودژا، شەرقىي تېمور، بېنگال، بېرما، بەھرەين، ئىئوردانىيە، تۈركمەنىستان، لىۋان، ئىران قاتارلىق 17 دۆلەت بولۇپ، سىز جۇڭگو پاسپورتى بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋىزا بېجىرسىڭىز بولىدۇ، ئالدىن ۋىزا بېجىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە بېرىشنى سىز ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.


1. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: «قۇملۇقتىكى گۈل غۇنچە»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت بىلەن داڭ چىقارغان كاتتا بايلار دۆلىتى بولۇپلا قالماي، يەنە مول ساياھەت بايلىقى بار. سىز بۇ يەردە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان قۇملۇق مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، جىمجىت ئەرەب قولتۇقىدا قولۋاق سەيلىسى قىلىپ، پۇل دۆۋىسىدىن پۈتكەن دۆلەتنى تاماشا قىلالايسىز.


2. بەھرەين: «دېڭىز قولتۇقىدىكى مەرۋايىت»

بەھرەين ئەرەب دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئارال دۆلىتى. ئۇزاق تارىختىن باشلاپلا بەھرەيندە سانسىزلىغان بۇلاقلار بولۇپ، بۇلاق سۈيى ۋە پارلاق قۇياش نۇرى بىرلىشىپ، بەھرەيننى ھەر خىل يېشىللىقلار بىلەن زىننەتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن بەھرەين يەنە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سودىگەرلەرنىڭ سۇ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.


3. شەرقىي تېمور: «ئېچىلمىغان يەر»

مۇستەقىل بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يېڭى دۆلەت بولغاچقا، ئىقتىساد ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەت. بۇ يەردە تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان مول ساياھەت بايلىقى بولۇپ، چەتئەللىكلەر بىر قەدەر كۆپ. ئەگەر قاتناش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ساياھەت مەنزىلى ھېسابلىنىدۇ.


4. لائوس: «پىل دۆلىتى»

لائوس شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، قاتمۇ-قات تاغلار، بۈيۈك ئورمانلار ناھايىتى كۆپ. ئورمانلىرىدا ياۋايى ھايۋاناتلار بايلىقى مول بولۇپ، پىل ئەڭ كۆپ. مەيلى شەھەردە ياكى شەھەر سىرتىدا بولسۇن، يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.


5. لىۋان: «ئوخشىمايدىغان ئەرەب دۆلىتى»

لىۋان تارىختا فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، لىۋانلىقلار باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى كىشىلىرىگە قارىغاندا، نىسبەتەن ئوچۇق. ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن فىنىكىيە دەۋرىدە ياسالغان بىبرۇس شەھىرى، قەدىمكى رىم دەۋرىدە ياسالغان بائالبېك شەھىرى ۋە ئەھلىسەلىپ دەۋرىدە ياسالغان زايدا قەلئەسى قاتارلىقلار بار.


6. مالدىۋې: «ئاخىرقى جەننەت»

مالدىۋې نۇرغۇنلىغان ئاراللاردىن تۈزۈلگەن، بولۇپ ھەر بىر ئارالنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولغاندىن سىرت، بارلىق ئاراللاردا پالما دەرەخلىرى، سۈزۈك سۇ ۋە يۇمران قۇملار بولۇپ، جەننەت كەبى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.


7. بېرما: «مۇنار دۆلىتى»

بېرمىدا بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى بۇددا مۇنارلىرىدۇر. بېرمىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق بۇددا مۇنارى بولۇپ، «مۇنار دۆلىتى» دەپ ئاتىسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.


8. نېپال: «بۇددا يۇرتى»

ساكيامۇنى بۈگۈنكى نېپالنىڭ لۇمبىنى قەدىمكى كەپىلە چېگراسى ئىچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ساكيامۇنىنىڭ تەلىماتى بۇددا دىنى دەپ ئاتالغان. نېپال ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، كىلىماتى يېقىملىق، پىيادە ساياھەت قىلىش، تاغقا چىقىش كەسپى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، نېپال «پىيادە ماڭغۇچىلارنىڭ جەننىتى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل پىيادە مېڭىش يولى بار. نېپالدا ئاساسلىقى ئاسىيالىق ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر بار.


9. سرىلانكا: «ھىندى ئوكياننىڭ كۆز يېشى»

ھىندى ئوكياندىكى بۇ ئارال دۆلەتنىڭ ساياھەت بايلىقى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن كۆپ مول. سرىلانكىنىڭ ھاۋاسىنى قاپلىغان بىر خىل خۇشپۇراق بولۇپ، يىراق-يىراقلارغا تاراپ تۇرىدۇ. ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى سرىلانكىنى ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە دۇنيادىكى سەككىزىنچى مۆجىزە دەپ ئاتالغان شىر تاشلار بار.


10. تايلاند: «مىڭ بۇت دۆلىتى»

تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت دۆلىتى بولۇپ، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. تايلاندتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زامانىۋى چوڭ ئىمارەتلەر ۋە قەدىمىي ئىبادەتخانىلار بولۇپ، قويۇق شەرق تۈسىگە ئىگە.


11. تۈركمەنىستان: «كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىتەرەپ دۆلەت»

تۈركمەنىستاننىڭ يەر كۆلىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا قازاقىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئىنتايىن مول.


12. برۇنېي: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بايلىقى مول، ئادىمى زىچ دۆلەت»

برۇنېي زور مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىچىككىنە ئارال دۆلەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى پاراۋانلىقى ئەڭ ياخشى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. داۋالىنىشقا ئاساسىي جەھەتتىن پۇل خەجلىمەيدۇ.


13. ئىران: «داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت»

تۆت-بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، تارىختىكى داۋالغۇشلار ئۇنى ۋەيران قىلالمىغان. ئىران خەلقى ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، نەپىس ياسالغان مەسچىتلەر كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.


14. ئىئوردانىيە: «قۇملۇقتىكى مۇزېي»

ئىئوردانىيەنىڭ كۆپ قىسىمى قۇرغاق قۇملۇق بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر نېفىت ئىشلەپچىقارمايدىغان دۆلەت. ئىئوردانىيە دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلۈك دېڭىز دۇنياغا داڭلىق تۇزلۇق كۆل بولۇپ، كۆلىمى 930 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز تەبىئەتنىڭ بىر مۆجىزىسى بولۇپ، دۇنيادىكى تۇز مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


15. ۋىيېتنام: «سەمىمىي ھەم گۈزەل»

ۋىيېتنامنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ۋىيېتناملىقلارنىڭ تۇرمۇشى تىنچ ۋە غەلۋىسىز بولۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ۋىيېتنامدا يەنە نۇرغۇن فرانسوزچە ئىمارەتلەر ساقلانغان بولۇپ، فرانسوزچە قىزغىنلىققا تولغان.


16. كامبودژا: «مىڭ يىللىق سىرلىق كۈلۈمسىرەش»

كامبودژا گەرچە باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق ئېچىۋېتىش دەرىجىسى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. كامبودژادا «قەدىمىي شەرقتىكى تۆت چوڭ مۆجىزە» نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان Angkor Wat بۇتخانىسى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇتخانا ھېسابلىنىدۇ.


17. بېنگال: «جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق قەدىمىي مەدەنىيىتى»

بېنگال بىر قەدەر نامرات بولۇپ، ئىنتايىن قالايمىقان، ھەرقانداق ئەسەبىي ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىراق، بېنگالنىڭ ئاددىي-ساددا ۋە قىزغىن خەلقى بۇ يەرنى پانىي دۇنيانىڭ جەننىتىگە ئايلاندۇرغان.

مەنبە: نۇر خەۋەرلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى