تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا كىرىشى ئامېرىكىنى ھەيران قالدۇردى
يانفوندا كۆرۈش
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىتالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا كىرىشى ئامېرىكىنىمۇ ھەيران قالدۇردى، دېگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىڭ كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن.ۋىتالى مۇنداق دېگەن: مىنىڭ يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىمۇ ھەيران قالدۇردى، قىسقىسى ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى تولىغۇ غەلىتە. بۇ تۈركىيەنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئىراق خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، يەنە ئامېرىكىنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇردى.
ئىراق تەرەپتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 12- ئاينىڭ 4- كۈنى تۈركىيەنىڭ بىر تانكا بېرىگادىسى ئىراقنىڭ نىنىۋا ئۆلكىسىگە كىرگەن ۋە بىز كورد خەلق قوراللىقلىرىنى تېرررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش بۇيىچە تەربىيىلەيمىز،دېگەن. ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈركىيە ئارمىيىسىدىن دەرھال ئىراق چېگرىسىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق چېگرىسىغا كىرىشى ئىراق دائىرلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتمىگەن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى « دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت »، دېگەن.
مەنبە: باغداش تورى