خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

گېرمانىيە تاراتقۇسى: تۈركىيە ئەلباشى ئەردوغان «تۇيۇق يول» غا كىرىپ قالدى

گېرمانىيە تاراتقۇسى: تۈركىيە ئەلباشى ئەردوغان «تۇيۇق يول» غا كىرىپ قالدى

ۋاقتى: 2015-12-09 ئاۋاتلىقى: 1755 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە «فرانكفورت ئوبزور گېزىتى» نىڭ ئوبزورچى ماقالىسىدا، تۈركىيە ئەلباشى ئەردوغان تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى، روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىدە، ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش ئەردوغان ئۈچۈن ناھايىتى تەس، چۈنكى بۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا باراۋەر، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئەنقەرە يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ؛ ئەگەر سوۋېت-24 تىپلىق ئايروپىلان ۋەقەسى روسىيە ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قارالسا، ئەردوغان چۆچۈرىنى خام سانىغان بولىدۇ؛ ھېچكىممۇ روسىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، جازاغا تارتىلماي قالمايدۇ، دېيىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە موسكۋا پەقەت ساياھەت ۋە ئېكسپورتنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللاندى، بىراق پۇتىن تېخى كوزىرىنى ئىشقا سالمىدى. تۈركىيەنىڭ روسىيەدىن كېلىدىغان تەبىئىي گازغا تايىنىش دەرىجىسى %54 گە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە يەنە تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر موسكۋا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى توختاتسا، ئەردوغاننىڭ تاقابىل تۇرمىقى تەس بولىدۇ.
گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، موسكۋا ئاللىقاچان ئەردوغانننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولۇپ، روسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشقاندىن باشلاپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون «لايىھەسى» ۋە «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئارىلىق رايونى قۇرۇش خىيالى مەغلۇپ بولغان. تۈركىيەگە نىسبەتەن، روسىيەنىڭ ھەرىكىتى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش بولماستىن، ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان سۈرىيە كۇردلىرىنى قوغداش ئىكەن.
گېزىتتە يەنە، روسىيە بىلەن تۈركىيە كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال. ھالبۇكى، نۆۋەتتە مەسىلىنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشىنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق دۆلەتلەر ئەردوغاننىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە ئۆزى قۇرغان بۇ تۇزاقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك، دېيىلگەن.
روسىيە چېگراسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى چەكلەنگەن «ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيا بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بىرى، بۇ تەشكىلاتتىكى تېررورچى ئۇنسۇرلار ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك زېمىننى ئىگىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تېررورچىلار يەنە تەسىرىنى لىۋان ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.
مەنبە: نۇر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى