خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى»نىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

«يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى»نىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى: 2015-12-09 ئاۋاتلىقى: 1522 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەلپىدا ئۇچۇر تورى خەۋىرى:

ئورگانىك، مۇسۇلمانچە كالا-قوي گۆشلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان، يەم-خەشەك، بېقىش، كۆپەيتىش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ئېنتېرنىت بۇلۇت تېخنىكىسى بويىچە كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتتە كونترول قىلغان، زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئېنتېرنىت ئىدىيەسى بىلەن قوراللىنىپ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات مەركىزى بىرلەشكەن ھالدىكى سەۋىيەگە يەتكەن شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدىكى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 2015-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى (سەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىن ئەكبەر ئۆمەر ئەپەندى؛ چۆچەك ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك كومىتېتى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شۆھرەت قاسىم ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن شەرىپىدىن ئەپەندى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئاشتى ھەبىبۇللا ئىمام ئەپەندى؛ چارۋىچىلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدىن رەشىدەم قادىر خانىم؛ چارۋىچىلىق ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى، ئالىي ئېنژېنىر ئىسمايىل نىياز ئەپەندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنى ئالدىن ئېلىش مەركىزىدىن رەيھان خانىم؛ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى چېن فىڭلېي ئەپەندى؛ شىنجاڭ غەربىي ئېلېكتىر ئۆي-زېمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى غۇلام ئەپەندى؛ شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى مۇئاۋىن دېرىكتورى ئىليار ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئوغلان يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇرېشىت ئەپەندى؛ شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى سىراجدىن ئەپەندى؛ شىنجاڭ بايرام سودا چەكلىك شىركىتى («بايرام تور سودا شەھەرچىسى») دېرىكتورى ئابدۇراخمان ئەپەندى؛ شىنجاڭ يىپەك يولى كۆۋرۈكى تور سودىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى نىجات ئابدۇرېھىم ئەپەندى؛ سەنئەتكار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەپەندى ۋە ھەرساھە-ھەر كەسىپتىكى مېھمانلار، شۇنىڭدەك شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى ۋە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاخبارات-تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە ئاۋۋال چۆچەك ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك كومىتېتى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شۆھرەت قاسىم ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى بولۇپمۇ چارۋىچىلىق كەسپىدىكى ئەۋزەللىكى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى. مۇشۇ ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئېنتېرنىت ئىدىيەسى بىلەن قوراللانغان شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چېن فىڭلىي ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ھەمدە شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە يوپۇق ئېچىپ ئىش باشلاپ، ھەقىقىي مەنىدىكى كاپىتال بازىرىغا كىرىش ۋە كېيىنكى قەدەملىك پاي چېكى تارقىتىش مۇساپىلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

ئارقىدىن شىنجاڭ يىپەك يولى كۆۋرۈكى تور سودىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى نىجات ئابدۇرېھىم ئەپەندى مۇنبەرگە چىقىپ، يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، تۈر ئەۋزەللىكى، كەسىپ تەرەققىياتى، كەلگۈسى پىلانلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئارقىدىن شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى چېن فىڭلىي ئەپەندى بىلەن شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇۋەلى نىياز ئەپەندى بىرلىكتە «يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى»نىڭ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدىكى يوپۇقىنى ئېچىپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئابدۇۋەلى نىياز ئەپەندىگە تاپشۇرۇلدى. ئارقىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار ساھىبخان شىركەت بىلەن بىرلىكتە كاپىتال بازىرىغا كىرگەنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە داڭ ئۇرۇپ تەبرىك قىلدى. «يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇۋەلى نىياز ئەپەندى شىنجاڭ چارۋىچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىكار تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىس ئۇستازلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا شىركەتنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىس گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

ئاخىرىدا «يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى» دېرىكتورى ئابدۇۋەلى نىياز ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئوغلان يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بايرام سودا چەكلىك شىركىتى («بايرام تور سودا شەھەرچىسى») قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئورگانىك، سۈپەتلىك كالا-قوي گۆشلىرىنى شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە كۆلەملىك تەمىنلەش قەدىمىنى رەسمىي باستى.

ئىگەللىنىشچە، شىنجاڭ دۆربىلجىن يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار بولغان GPS پۈتۈن مۇساپىلىق سۈپەتنى ئىز قوغلاش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، «چوڭ سانلىق مەلۇمات»تىن پايدىلىنىپ كۆلەملىك ھالدا باقمىچلىق مەيدانىنى باشقۇرۇشنى، سۈپەتلىك ۋە ئورگانىك كالا-قوي گۆشلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان. مەھسۇلات تەمىنلەش جەھەتتە شىنجاڭ بازىرىنى تۇنجى قەدەم قىلىپ، مەملىكەت بازىرىغا كىرىش، ئاخىرىدا خەلقئارا بازارغا كىرىشتەك ئىستىراتېگىيەلىك پىلاننى تۈزگەن ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن.

O2O شەكلىنى قوللىنىپ، تور سودا سۇپىسى بىلەن ئەمەلىي باقچىمىلىق مەيدان-تىجارەت سورونىنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھالقىلىرىدا يېڭىلىق ياراتقان. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان، ئىستېمالچىلار بىخەتەر گۆش مەھسۇلاتلىرىغا تەقەززا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، «يىپەك يولى ئالتۇن چارۋىچىلىقى» پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئېنتېرنىت ئىدىيەسى بىلەن زامانىۋى تېخنىكىنى قوللىنىپ، يەم-خەشەك، بېقىش، كۆپەيتىش، ئاخىرىدا ئورگانىك، سۈپەتلىك كالا-قوي گۆش مەھسۇلاتلىرى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسى ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشتى.

مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى