دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىزدىن كاتتا خۇشخەۋەر
ۋاقتى: 2015-12-13
ئاۋاتلىقى: 8898 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىزدىن كاتتا خۇشخەۋەر
بىلگەجاننىڭ بۈگۈن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىزى نەرگىز مۇتەللىپ دۇنياغا داڭلىق ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتغا (Stanford University) قوبۇل قىلىنغان. ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىشتىنمۇ تەس بولۇپ، ئەگەر قوبۇل قىلىنسا ۋە ئائىلە يىللىق كىرىمى 200 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن بولسا ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. نەرگىز مۇتەللىپ بۇ كاتتا ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى ھېسابلىنىدىكەن.
رەسىمدە: بىلگەجان ۋە تاشپولات ئاكا شۆھرەت مۇتەللىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە. سولدىن بىرىنچى كىشى نەرگىز مۇتەللىپ بولىدۇ.
ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
بىز نەرگىز مۇتەللىپنىڭ دادىسى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىزىدىن بېسىپ، ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى قالتىس بىر كىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭ ئوقۇشىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز!
ئاخىرىدا، قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇرنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سورايمىز. ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ كاتتا خۇشخەۋەردىن ئىلھام-مەدەت ئالسۇن!
ئاخىرىدا، قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇرنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سورايمىز. ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ كاتتا خۇشخەۋەردىن ئىلھام-مەدەت ئالسۇن!
مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى