خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پىراۋا ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش سىناق قىلىنىدۇ

پىراۋا ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش سىناق قىلىنىدۇ

ۋاقتى: 2015-12-14 ئاۋاتلىقى: 1270 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پىراۋا ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش سىناق قىلىنىدۇ



شارائىتى بار جايلار پىراۋا ئالىدىغانلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
مۇخبىرىمىز ما تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن قاتناش مىنىستىرلىقى 10- دېكابىر «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەيدىغانلارنى تەربىيەلەش - ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىكىر» نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ «پىكىر» دە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، پىراۋا تولۇقلاپ بېجىرىش قاتارلىق ھالقىلاردا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. شارائىتى بار جايلار تىجارەت تۈسىنى ئالمىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلسا بولىدۇ، دېيىلگەن.
ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، 2017- يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، 2018- يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنىدۇ. بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكىتىمىزدە پىراۋا ئالغانلار 300 مىليونغا يەتكەن، پىراۋا ئالغانلار يىلىغا 30 مىليوندىن كۆپرەك كۆپەيگەن، 2020- يىلىغىچە پقراۋا ئالغانلار470 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ يېڭى بەلگىلىمە ئۈرۈمچىدە قانداق يولغا قويۇلىدۇ؟ مۇخبىر 10- دېكابىر بۇ بەلگىلىمىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسپورتى ئىدارىسى، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى، تىرېنېرلارنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار «يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن» دېيىشتى.
★ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھام بېرىش
«بەلگىلىمە»: شارائىتى بار جايلار تىجارەت تۈسىنى ئالمىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلسا بولىدۇ. شەخسىنىڭ بىخەتەرلىك ياردەمچى قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلدا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسى بار شوپۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەلگىلەنگەن يولدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شوپۇرلۇقنى ئۆگەنسە ۋە ئىمتىھان بېرىشكە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ.
«ھازىرقى ئەھۋال»: ھازىر شەھىرىمىزدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئورنىدىن 64 ى بار، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچىلەر چوقۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىگە كىرىپ ئۆگىنىشى كېرەك.
«يەشمە»: يېڭى «بەلگىلىمە» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شەھەرلىك يول تىرانسپورتى ئىدارىسى شوپۇر تەربىيەلەش، رېمونتچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنشىن مۇنداق دېدى: «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىتتا شوپۇر تەربىيەلەش بازارلىرىغا مۇئەييەن زەربە بولىدۇ».
شىنجاڭدىكى موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئىجرا قىلغان يېڭى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، 2- تۈردىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1, C2) لارنىڭ پىراۋىسىنى ئالىدىغانلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمەت ھەققى 3420 يۈەن، ئىمتىھان ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى قوشقاندا شوپۇرلۇق مەكتىپى ئۆگەنگۈچىلەردىن ئالىدىغان ھەق 4000 يۈەندىن ئاشمىغان. ئەگەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بەرگەندە ئۆگىنىدىغان ئاپتوموبىل چىقىمى، شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىدىغان يەرنىڭ ئىجارە ھەققى، ئۆگەتكۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق قاتارلىقلارنى قوشقاندا تۆلەيدىغان ھەق تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
لى جيەنشىن مۇنداق دېدى: «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگەندىن كېيىن پۇل چىقىرىپ ياخشى، تەجرىبىلىك ئۇستام تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شوپۇرلۇقنى ئۆگەتكۈچىنىڭ ھەق ئېلىش قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قاتارىدا قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ».
★ ۋاقىت ھېسابلاپ تەربىيەلەپ، ۋاقىت ھېسابلاپ ھەق ئېلىش
«بەلگىلىمە»: شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋاقىت ھېسابلاپ تەربىيەلەپ، ۋاقىت ھېسابلاپ ھەق ئالىدۇ. كۇرسانتلار ئالدى بىلەن تەربىيەلىنىپ، ئاندىن ھەق تاپشۇرغاندىن سىرت، تەربىيەلىنىدىغان ۋاقىتنى ئۆز ئالدىغا كېلىشىپ، تىرېنېرنى، ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ».
«ھازىرقى ئەھۋال»: ھازىرقى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ئىزچىل بارلىق ھەقلەرنى بىر قېتىمدىلا مۇددەتتىن بۇرۇن ئالىدۇ، مۇلازىمىتى ياخشى بولمىسا، ھەق قايتۇرۇلمايدۇ، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىمۇ ھەم مەۋجۇت.
«يەشمە»: شىنجاڭ «تۇڭدا» شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن تەربىيەلەپ، كېيىن ھەق ئېلىش، ۋاقىت ھېسابلاپ تەربىيەلەپ، ۋاقىت ھېسابلاپ ھەق ئېلىش شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش. تېز ئۆگەنگەنلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىمتىھان بېرەلەيدۇ، ئۆگىنىشى ئاستا بولغانلارنىڭ ئۆگىنىشكە كېتىدىغان ۋاقتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، مەكتەپ كۆپ ئۆگەتكىنىگە قوشۇپ ھەق ئالسا، ئۇزاق ۋاقىتتا ئۆگەنگەنلەرنىڭ ھەققىنى ھېسابلاپ ئېلىش ئىشى پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، كۇرسانتلار بىلەن مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىت ھېسابلاپ تەربىيەلەپ، ۋاقىت ھېسابلاپ ھەق ئېلىش ئالغاندا، قانچىلىك ئۆگەنسە، شۇنچىلىك ھەق تاپشۇرۇپ، زىددىيەت تەبىئىيلا پەسىيىشى مۇمكىن».
★ مەيدان ئىمتىھانى، يول ئىمتىھانى، نەزەرىيە ئىمتىھانلىرىغا كەينى - كەينىدىن قاتناشسا بولىدۇ
«بەلگىلىمە»: مەملىكىتىمىزدە مەيدان ئىمتىھانى بىلەن يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ئىمتىھانىنى بىراقلا بېرىشكە ئالدىن كېلىشىش، كەينى - كەينىدىن ئىمتىھان بېرىش تۈزۈمى تەدرىجىي يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە قاتراش قېتىم سانى ئازايتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشتىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان كۈندۈزدە بېرىدىغانغا تەڭشىلىپ، كۈندۈزدە كېچىگە تەقلىد قىلىنىپ چىراغ يورۇقىدا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بارلىق تۈرلەر ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ۋە بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر بولغان رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇ كۈنىلا پىراۋا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
«ھازىرقى ئەھۋال»: ھازىر شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تۆت تۈرىدە ئىمتىھان بېرىپ بولۇشقا ئەڭ تېز بولغاندا 70 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، بىر قىسىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىراۋا ئېلىشىغا بىرەر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ مەيدان مۇھىتىنى ھەقسىز ئىگىلەيدۇ، ئەمما مەشىق ئاپتوموبىلىنىڭ سائىتىگە 65 يۈەندىن ھەق تۆلەپ ئۆگىنىدۇ.
«يەشمە»: ئۈرۈمچى «ئەنپىڭ» شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى گو ۋېنگې مۇنداق دېدى: «ئۆگەنگۈچىلەر تىزىملاتقاندىن كېيىن شوپۇرلۇق مەكتىپى 12 كۈنلۈك نەزەرىيە سىنىپى ئېچىپ تەربىيەلىگەندىن كېيىن نەزەرىيە ئىمتىھانى ئالىدۇ، بۇ ئىمتىھاندىن كېيىن يەنە 12 كۈندىن 15 كۈنگىچە مەيدان ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەپ ئىمتىھان ئالىدۇ، بەش كۈن ئەتراپىدا يول ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئاخىرىدا يەتتە كۈن ئۆگىنىش قىلىپ بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. بارلىق جەرياننىڭ ھەر قېتىمىدا ئالدىن كېلىشىپ تىزىملىتىدۇ، كۇرسانتلار قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدىلا كېلىشىش، كەينى - كەينىدىن ئىمتىھان بېرىش ئەمەلىيلەشسە، كۇرسانتلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىدۇ».
★ ئىمتىھان ۋاقتى بىلەن ئىمتىھان مەيدانىنى كۇرسانتلار ئۆزلىرى تاللايدۇ
«بەلگىلىمە»: ئىمتىھان بېرىشتە بىرلىككە كەلگەن ئالدىن كېلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنتېرنېت تورى، تېلېفون، كۆزنەك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ئىمتىھانغا تىزىملاتسا ۋە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. كۇرسانتلار تەربىيەلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمتىھان ۋاقتى بىلەن ئىمتىھان مەيدانىنى ئۆزلىرى تاللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ھەققى ئېلىشتىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۆزى بېكىتكەندىن كېيىن ئىمتىھان ھەققى ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھان تۈرىنى ئۆزى ئايرىپ بېكىتسە ياكى ئىمتىھان ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تاپشۇرسا بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ھەقنى تور ئارقىلىقمۇ تاپشۇرغىلى بولىدۇ.
«ھازىرقى ئەھۋال»: ھازىر كۇرسانتلار شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنى بىرلىك قىلغان ھالدا كوللېكتىپ تىزىملىتىپ ئىمتىھان بېرىشكە ئىلتىماس قىلىدۇ. شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ كۈچىيىشى بىلەن شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدا بايلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئېغىرلاشقان، ئىمتىھان بېرىدىغان ئادەم كۆپ، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان مەيدان چەكلىك بولغاچقا، ئۆگىنىپ بولغانلارنىمۇ ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرالمايدىغان، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى بىرەر ئاي كېچىكىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.
★ «يول قاتىلى» كۆپىيىپ كېتەمدۇ؟
ئىلگىرى ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى يىڭ چاۋياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىش شەكلى چەت ئەلنىڭ لايىھەسىدىن پايدىلىنىلغان، دەسلەپتە نۇرغۇن ئادەم ئۆگىنىش ئۈنۈمىدىن ئەندىشە قىلغان، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش نىسبىتى ۋە ھادىسە نىسبىتى جەھەتتە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ پىراۋا ئالغانلار بىلەن شوپۇرلۇق مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىپ چىققان شوپۇرلارنىڭ ھادىسە سادىر قىلىش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان».
بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «پىكىر» دە «ئۈچ چەكلىمە» ئېنىق بېكىتىلدى: مەشىق ئاپتوموبىلىغا چەك قويۇش، ئاپتوموبىل كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل بولۇش، ئاپتوموبىلغا چوقۇم ياردەمچى تورمۇز قاتارلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئورنىتىلىشى كېرەك؛ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىتىدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم بىخەتەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىپ شوپۇرلۇق قىلغان مۇئەييەن يىل چەكلىمىسى بولۇشى كېرەك؛ مەشىق قىلىدىغان لىنىيەسى بىلەن ۋاقىت چەكلىمىسى بولۇشى، ئوقۇش باشلانغان مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللاردا، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتارلىق يوللاردا، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلى قاتارلىق ۋاقىتلاردا يول يۈرمەسلىكى كېرەك.
★قاتناش ھادىسە مەسئۇلىيىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
پىراۋا ئېلىشتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش نۇرغۇن كىشىلەردە قانۇن جەھەتتە گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىرسى شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشتە يولغا چىققان ئاپتوموبىل «پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش» ھېسابلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە.
«پىكىر» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. يولغا چىققان مەشىق ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىش ئىسپاتى ئېلىپ، ئۆگىنىدىغان ئاپتوموبىلغا چاپلايدۇ.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى ئومۇمىي قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ لىڭيۈن مۇنداق دېدى: «شوپۇرلۇق ئۆگىتىلىدىغان قانۇنلۇق مەشىق ئاپتوموبىللىرىنىلا ج خ تارمىقى بەلگىلەپ بەرگەن يوللاردا ھەيدەشكە بولىدۇ ھەمدە ئۆگىتىش سالاھىيىتى بار ئادەملا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، بۇ ‹پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش› ھېسابلانمايدۇ».
شوپۇرلۇقنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، مەسئۇلىيەت كىمگە ئارتىلىدۇ؟ «پىكىر» دە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىش جەريانىدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنسا ۋە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئۆگەنگۈچى بىلەن ئۆگەتكۈچى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى