خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تەڭشىلىدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تەڭشىلىدۇ

ۋاقتى: 2015-12-14 ئاۋاتلىقى: 993 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تەڭشىلىدۇ

ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ شەخسىي ئاپتوموبىلى بار ئائىلىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى، ئەمما ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ قىس بولۇشى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا.

بىر كۈنى دوستىمىزنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ شەھەر سىرتىنى ساياھەت قىلماقچى بولۇپ، يەنە بىر دوستىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى ئۇ ئولتۇرىدىغان قورۇ ئىچىگە ھەيدەپ كىرىپ مۇۋاپىق بىر ئورۇندا توختىتىپ دوستىمىزنى ساقلىدۇق، تەخمىنەن بەش مىنۇتلاردىن كېيىن دوستىمىز چىقتى، قورۇدىن چىقىدىغان ۋاقتىمىزدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بىزدىن ئۈچ يۈەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئالدى، بىز نارازىلىق بىلەن پۇلنى تاپشۇردۇق.

ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى قالايمىقان ئېلىش نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر قانچە شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلدىم.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلنۇر خانىم مۇنداق دېدى: بۇ قورۇغا كۆچۈپ كىرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى، خىزمەت ئورنۇم بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولغاچقا، ئۆتكەن يىلى ئاپتوموبىل سېتىۋالغانىدىم، بىزنىڭ قورۇنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بەك قىس ھەم توختىتىش ھەققىمۇ يۇقىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرسىلا باشقا قورۇدىكىلەرمۇ بۇ قورۇغا خالىغانچە ئاپتوموبىلىنى توختىتالايدۇ، شۇڭا، سەللا كەچ قالسام ئاپتوموبىلىمنى قورۇ ئىچىگە توختىتالماي، قورۇنىڭ سىرتىدىكى يول بويىغا توختىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن.

سايباغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئالىم ئەپەندى مۇنداق دېدى: مەن ئىدارەمنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرىمەن، ئەمما ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى سەل يۇقىرى. كېلەر يىلى ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تەڭشىلىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولدۇم.

3 – دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تورىدا ئولتۇراق رايونلارغا كىرىپ – چىققان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەق توغرىلىق يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى، 2016 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ بۇ بەلگىلىمە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى:
1. ئولتۇراق رايونلارغا كىرىپ – چىققان ئاپتوموبىللارنىڭ قورۇ ئىچىدە توختاش ۋاقتى بىر سائەتكە توشمىسا بىردەك ھەق ئېلىنمايدۇ.
2. قورۇ ئىچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئاشسا ھەر سائىتىگە ئىككى يۈەندىن ئېلىنىدۇ، بىر كۈندە (24 سائەت ئىچىدە) ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون يۈەن ئېلىنىدۇ.
3. ھەر ئايدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ قورۇ ئىچىدە توختىتىش ھەققى ئەڭ كۆپ بولغاندا 64 يۈەن بولىدۇ.
4. ئادەتتىكى ئولتۇراق رايونلاردا خوجلىق ھەققى ھەر كىۋادرات مېتىرىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2.2 يۈەن بولىدۇ.
«دوستلۇق» يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابلەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: توردىن يېڭى يىلدىن باشلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئۈچۈن ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 64 يۈەن تۆلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم، چۈنكى، مەن ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن بۇيان ئايدا 100 يۈەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تۆلەۋاتىمەن. گەرچە بۇ ئانچە يۇقىرى ھەق بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇش بولدى دەپ ئويلايمەن، بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى


Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى