خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى سىياسەت

ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى سىياسەت

ۋاقتى: 2015-12-14 ئاۋاتلىقى: 1639 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى سىياسەت


گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى نىزامنامى»نى ئېلان قىلدى. بۇ نىزام 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار كىشلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئۇل ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.


يىقىندا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 663-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى نىزامنامى»نى ئېلان قىلدى.

«نىزام» جەمئىي 23 ماددا بولۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرى»نى ئاساس قىلىپ، ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرىغا چىقارغان ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئويلىشىپ، نوپۇس، كىملىك تۈزۈمى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىدىكى ھوقۇق ئىقتىدار ۋە ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىلتىماس قىلىش شارائىتىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، بىر تەرەپتىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە قولايلىق تەرەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۈزلۈكسىز شارائىت يارىتىپ تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە قولايلىقلار ئاساسلىقى:
بىرىنچى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئۇل ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە چىگىردىن كىرىش-چىقىش كىنىشكىسى بېجىرىش، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تىزىملاش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك قولايلىقلار؛

ئىككىنچى، گىرادېنت ھوقۇق بېرىش تۈزۈمى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىن ئاكىتىپ شارائىت يارىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنى ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر ۋە قولايلىق يارىتىش دائىرىسىنى قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىش، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە قەرەللىك ھالدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش؛

ئۈچىنچى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار ئولتۇراقلىشىش دائىمىي نوپۇسقا تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىشقا باغلىنىشلىق يوللار ۋە تۈرلۈك نوپۇس ئورنۇتۇش شارائىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

«نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى يېڭىچە شەھەر-بازارلارنىڭ ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە قولايلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەنبە: دەۋر سالونى


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى