خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر ئاكادېمىك بار بولدى

ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر ئاكادېمىك بار بولدى

ۋاقتى: 2015-12-15 ئاۋاتلىقى: 5603 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر ئاكادېمىك بار بولدى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتى تۇپراق ۋە ئاگراخىمىيە كافىدراسىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «تۆھپىكار ئالىم» ئوردېنى ساھىبى ئەكبەر ئېلاخۇن مۇئەللىم 2015-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە پەن-تېخنىكا ئالىملىرى سايلىمىدا ئورتاق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، چەت ئەللىك ئاكادېمىك شەرىپىگە ئېرىشىپ، 2015-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى (دۈشەنبە) رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چەت ئەللىك ئاكادېمىكى كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.


ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن ھەققىدە:
ئەكبەر ئېلاخۇن، 1963-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلى توققۇزتارا ناھىيەسى ئالماگاسغۇز 3-كەنتىدە تۇغۇلغان. ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتى پىروفېسسورى، دوكتور ۋە دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، تۇپراق ئېكولوگىيەسى تەتقىقات ۋە تەجرىبىخانا مەسئۇلى. شىنجاڭ گۈزەل يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.


باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز 2-يىللىققىچە شۇ كەنت ۋە مەيداندا ئوقۇغان. تولۇقسىز 3-يىللىقتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە توققۇزتارا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1982-يىل 9-ئايدا شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى ئاگرانومىيە فاكۇلتېتى ئاگرانوملۇق كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1987-يىل 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ تۇپراقچىلىق كافىدراسىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1995-يىل 9-ئايدىن 1998-يىل 12-ئايغىچە غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاگراخىمىيە كەسپى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ، شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ماگىستىرلار دېسسىرتاتىسيە باھاسىغا ئېرىشكەن.


2001-، 2002-يىللىرى ۋە 2005-يىلدىن 2010-يىللىرىغىچە دۆلەت مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ تاللاپ بېكىتىشى بىلەن رۇسىيە دۆلەتلىك تېمىريازىۋىسكىي يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى قېتىم تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى بولۇپ تەربىيەلەنگەن. شۇ جەرياندا مەزكۇر مەكتەپنىڭ تۇپراقچىلىق ۋە ئوغۇتچىلىق ئىككى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.


ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتى، ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىردىنبىر جۇڭگولۇق ئىلمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە ياۋروپا-ئاسىيا تۇپراقچىلىق ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتى، شىنجاڭ تۇپراقچىلىق-ئوغۇتچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، قازاقسىتان سەيفۇلىن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى، ئالمۇتا مىللەتلەر يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە رۇسىيە دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنۋان ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسى.


دۆلەتلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تۈرلەردىن 19 تۈرنىڭ يېتەكچىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاشكارا ژۇرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. نەشردىن چىققان دەرسلىك كىتاب ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن 6 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە رۇسچە يېزىلغان مونوگرافىيە بار. ھازىر شىنجاڭ كورلا پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ھاۋالە قىلغان كورلا نەشپۇتى مەخسۇس ئوغۇتى تەتقىقاتى، دۆلەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندى تۈرى ئىلى رايونى ئوتلاق-تۇپراق قاتلىمى قېلىنلىقى بىلەن تۇپراق سۈپىتىنىڭ چېكىنىش مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.


2015-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇسىيە دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى كومىتېتىنىڭ ئورتاق ماقۇللىشى بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ۋە مائارىپىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «تۆھپىكار ئالىم» ئوردېنىغا ئېرىشكەن. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيە پەن-تېخنىكا ئالىملىرى سايلىمىدا ئورتاق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، چەت ئەللىك ئاكادېمىك شەرىپىگە ئېرىشىپ، 2015-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى (دۈشەنبە) رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چەت ئەللىك ئاكادېمىكى كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.


ئەسلى تېما: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتى تۇپراق ۋە ئاگراخىمىيە كافىدراسىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان «تۆھپىكار ئالىم» ئوردېنى ساھىبى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چەت ئەللىك ئاكادېمىكى ئەكبەر ئېلاخۇن ھەققىدە

مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى