خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامېرىكا بۇ تاكتىكىسى ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ

ئامېرىكا بۇ تاكتىكىسى ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ

ۋاقتى: 2015-12-17 ئاۋاتلىقى: 1612 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا بۇ تاكتىكىسى ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ

بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى يەر شارى پۇل مۇئامىلە ساھەسى «ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم كېڭىشىش يىغىنى» دىن ئىبارەت مۇھىم سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ. شۇ چاغدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئەزالىرى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر قارارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ـــ بۇ قاراردا ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز كرىزىسىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ھەرىكىتىنى باشلاش- باشلىماسلىق بەلگىلىنىدۇ. فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى يىغىنىنىڭ نەتىجىسى بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەر سائەت ئۈچتە ئېلان قىلىنىدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللون سەھەر سائەت ئۈچتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى پۇل سىياسىتىنى شەرھىيلەيدۇ.


رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.7 ئازىيىپ كەتكەن. بازاردىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كەتسە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ ئوسال ۋەزىيەتكە دۇچار كېلىدىكەن.



ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى ئۆرلىتىۋېتىشى، جىددىي رايونلۇق ۋەزىيەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرسە ئامېرىكا دوللىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىۋېتىدۇ، بۇ ئەھۋال رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى قايتا قۇرۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھازىر رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 364 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى رۇسىيەگە زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ئائىت تۈرلۈك قىياسلارغا ئىختىلاپ چوڭ. غەربنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ جازا يۈرگۈزۈشى، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش قاتارلىق ئامىللار رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئىنتايىن ئېغىر زەربە بەردى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم ھالدا %2.2، %4.6 ۋە %4.1 ئازىيىپ كەتتى.



ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى بىلەن پۈتۈن يەر شارى سودىسىغا يېتىدىغان تەسىر رۇسىيەگە قانداق زەربە بېرىدۇ. 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە رۇسىيەگە مەبلەغ سېلىپ كەلگەن بىر نەپەر ئامېرىكىلىق كارخانىچى مۇنداق دېدى: «رۇسىيە نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئېكسپورتىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدۇ، بۇنىڭدىن رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تۈرلۈك تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».
نەچچە 10 يىللىق تەجرىبىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى قوشۇشقا تەرەددۇت قىلغاندا، خام نېفىت چىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت رۇسىيەگە غايەت زور تەسىر يېتىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرسە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ، مەبلەغ باشقا بازارلاردىن ئېقىپ چىقىپ، ئامېرىكا دوللىرى مۈلكىگە ئېقىپ بارىدۇ، خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر بىر باك خام نېفىتنىڭ باھاسى 20 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالسا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى پارچىلىۋىتەلەيدۇ.


مەنبە: ۋەزىيەت سالونى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى