خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈندىداردا «ئاللاھقا ئامانەت» دېيىش قانۇنسىز بولۇپ قالدىمۇ؟

ئۈندىداردا «ئاللاھقا ئامانەت» دېيىش قانۇنسىز بولۇپ قالدىمۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-23 ئاۋاتلىقى: 15417 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈندىداردا «ئاللاھقا ئامانەت» دېيىش قانۇنسىز بولۇپ قالدىمۇ؟

نەچچە كۈندىن بىرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە يېڭى يىلدىن تارتىپ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، دوستلارنىڭ ئۈندىداردا پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر ئاتالمىش « تۆت تۈرلۈك تەلەپ» شىددەت بىلەن تارقالدى.نۇرغۇن دوستلارمۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى ، ئۇچۇر مەزمۇنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


بۇ ئۇچۇرنى ھازىرچە كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە چىقارغانلىقى ئايدىڭ ئەمەس، لېكىن ئۇچۇر مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ ئۇچۇرنى توقۇپ چىقارغۇچىنىڭ قانۇن سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەك تەس ئەمەس.

بىرىنچىدىن: ئەرەبچە ئۈندىدار نامى ياكى باش سۈرەت، چەكلەنگەن نام ، باش سۈرەت قوللانغانلار
دۆلەتنىڭ قانۇنى ئېنىق چەكلەنگەن نام ، باش سۈرەت قوللىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىش بۇرۇنمۇ قانۇن بويىچە چەكلىنەتتى، ھازىرمۇ شۇ، قانۇن ئەزەلدىن قانۇنسىز قىلمىشقا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئەمەس، شۇڭا بۇنى يېڭى يىلدىن تارتىپ زەربە بېرىدۇ دېيىش بىر ئەخمەقلىق خالاس، بۇرۇن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرسە ، قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى، ھازىرمۇ ئوخشاشلا. ئەرەبچە ئۈندىدار نامى ياكى باش سۈرەت قوللانغانلار دېگەن گەپكە كەلسەك، بۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، شۇڭلاشقا خالىسىڭىز تور نامىڭىزنى ئەرەبچە، خالىسىڭىز ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ۋە ياكى باشقا تىلدا قويۇۋەرسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى: دۆلەت تەۋەلىكىنى باشقا دۆلەت دەپ يېزىۋالغانلار
جىق ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىنى يازمايدۇ، يازسىمۇ خالىغانچە يازىدۇ ياكى سىستېما تولدۇرۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، چەكلەنگەن يەر نام جايلىرىنى ئىشلىتىپ قالمىسىلا ، بۇنىڭدىن ھىچقانداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەنمەيدۇ.

ئۈچىنچى: دوستلار چەمبىرىكىگە سەزگۈر تېمىدىكى ئۇلانما، ھەرىكەتچان سۈرەت ۋە باشقا چەكلەنگەن نەرسىنى يوللىغانلار
قانۇنغا خىلاپ نەرسىلەرنى يوللاش ئەسلىدىن چەكلەنگەن، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان قانۇنسىز قىلمىش، بۇنى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئەمەس ھەر قاچان يوللىماسلىقىڭىز كېرەك،قانۇنلۇق بولسا توردىن نورمال پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، قانۇنسىز نەرسىلەرنى بايقىسىڭىز ياكى قانۇنلۇق قانۇنسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز بىۋاسىتە ساقچىغا مەلۇم قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

تۆتىنچى: سۆزلەشكەندە ئاللاھقا ئامانەت دېگەندەك سۆز، سۈرەتلىك خەۋەر قاتارلىقلارنى يوللىغانلار
بۇ جۈملە 2015-يىلى رايونىمىز تور ساھەسىدە تارقالغان ئەڭ تېتىقسىز پاراڭ بولۇشقا %100 مۇناسىپ، ئىسلام دىنى دۇنيادىكى چوڭ دىنلارنىڭ بېرى، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىكى بار، ھەر قانداق قانۇنلۇق دىنى پائالىيەت قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى، ھەر قانداق دىنىي زاتلار ۋە ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئاممىسى، ھەتتاكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، ئۆرۈپ ئادەتنى چۈشىنىدىغان خەنزۇلارمۇ بۇ سالام سۆزىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنچىۋالا تۆۋەن سەۋىيەدە توقۇپ تارقىتىلغان تېتىقسىز پاراڭلارنى تارقاتماڭ، ناۋادا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ مۇشۇنچىۋالا تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئۆسەك گەپنى توقۇپ چىقىپ، دۆلەت قانۇنىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن پىتنىخورلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇنجى بولۇپ سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئىغۋا توقۇماي، پىتنىگە ئىشەنمەي، ئىناق تور مۇھىتىنى تېرىشىپ بەرپا قىلايلى
مەنبە: قانۇن سالونى


Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى