خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شەخسىي پاسپورت توغرىسىدا يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

شەخسىي پاسپورت توغرىسىدا يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

ۋاقتى: 2015-12-30 ئاۋاتلىقى: 3326 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شەخسىي پاسپورت توغرىسىدا يېڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى


ج خ مىنىستىرلىقى 28- دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى سۇنغاندابەلگىلىمە، تەلەپلەرنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇردى .

ج خ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت، شياڭگاڭ- ئاۋمېن يول خېتى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى، تەيۋەنگە بېرىپ- كېلىشتىكى يول خېتى ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرىشتە لازىم بولىدىغان ئىلتىماس ماتىرىياللىرى، ئۇنى بېجىرىش ۋاقىت سۈرۈكى، مۇلازىمەت تەلىپى قاتارلىق تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىدى ھەم تەپسىلىي ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ج خ مىنىستىرلىقى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشىكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا كىملىك بىلەن نوپۇس دەپتىرىنى تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. پۇقرالار بۇندىن كېيىن شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا نوپۇس دەپتىرىنى تاپشۇرمىسىمۇبولىدۇ، ج خ ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىچكى توردىن تەكشۈرەلەيدۇ؛چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس ماتىرىيالىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز بولۇپ، چېگرىدىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىنىشكا بېجىرىش تەننەرخى ھەقىقەتەن ئازايتىلغان، ج خ ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئۆزلىكىدىن توپلايدۇ؛ تەيۋەنگە بېرىشتىكى چېگرىدىن چىقىش- كىرىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، كوللىكتىپ ساياھەت ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا كوللىكتىپنى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمىكىنىڭ تالونىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، تەكلىپ، سودا ئىشلىرى، ئىش بېجىرىش، ئوقۇش بويىچە ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرگەندە، تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى چىقىرىپ بەرگەن تەستىق خېتىنى تاپشۇرسىلا بولىدۇ.

ج خ مىنىستىرلىقى يەنە بۇ مىنىستىرلىق بىلەن 31 ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇلازىمەت نازارەتچىلىك تېلىفۇنىنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 28- دېكابىر تېلىگراممىسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى