خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىددى تارقىتايلى، بۇ 4 ئىشنى قىلسىڭىز تۈرمىدە ياتىسىز

جىددى تارقىتايلى، بۇ 4 ئىشنى قىلسىڭىز تۈرمىدە ياتىسىز

ۋاقتى: 2016-01-06 ئاۋاتلىقى: 7817 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىددى تارقىتايلى، بۇ 4 ئىشنى قىلسىڭىز تۈرمىدە ياتىسىز

بايرام كۈنلىرىدە يىغىلىش قىلغاندا ھاراق ئىچىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈش كەم بولسا بولمايدىغان ئادەت بولۇپ قالدى، قانۇن ئورۇنلىرى شەھەر ئاھالىلىرىغا شۇنداق ئەسكەرتىدۇ، تۆۋەندىكىدەك 4 خىل ئۇسۇلدىكى ھاراق زورلاش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مىڭدوڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگەللىشىچە يىقىندىن بۇيان ھەرقايسى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەندىكىدەك ھاراققا زورلاشتىن كىلىپ چىققان تۆلەم داۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلغان.

ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى، سورۇندىكىلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى.

لىنگاڭ ۋە ۋۇخۈي ياخشى دوستلار ئىدى، لىن گاڭ ۋۇخۈينىڭ ئۆيىگە كىلىپ ھاراق ئىچتى، يىرىم كىچە بولغاندا ۋۇخۈي دوستى فاڭ چياڭغا تېلېفون قىلىپ ماشىنا بىلەن كىلىپ ئۆزى ۋە لىنگاڭنى ئېلىپ كېتىشنى ئېيتتى. ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ يولغا چىقتى، تاغلىق بىر يولغا كەلگەندە لىنگاڭنىڭ تەرىتى قىستاپ كەتكەنلىكتىن ماشىنىدىن چۈشۈپ تەرەت قىلىۋالماقچى بولدى. لىنگاڭ مەست بولغانلىقتىن ئۆزىنى باشقۇرالماي تىك ياردىن سىيرىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتتى، تىنى ئاجىز بولغانلىقتىن سۇدىن چىقالماي قازا قىلدى.

لىنگاڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋۇخۈي ۋە فاڭچىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن تۆلەم ھەققى ئۈچۈن 100 نەچچە مىڭ يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ۋە سوتچىنىڭ كىلىشتۈرۈشى ئارقىلىق فاڭچىياڭ ۋە ۋۇخۈينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لىن گاڭنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا 60 مىڭ يۈەن يۈەن تۆلەم پۇلى بىرىدىغان بولدى.

ئەر ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى بىر سورۇندىكى كىشلەر جەرىمانە تۆلىدى.

مىڭدۇڭ رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇخبىرغا مۇنداق بىر ھاراق ئىچىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان تۆلەم تۆلەش دىلوسىنى چۈشەندۈردى.

مەلۇم بىر كەسپى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مو ئەپەندىم مىڭدوڭ رايونىدا بىر قېتىملىق زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى، ۋە جو ئەپەندى مىڭ ئەپەندى قاتارلىق 8 ئادەمنى تەكلىپ قىلىدۇ. جو ئەپەندى ھاراق كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن ئېغىر مەس بولغان پىتى ھوشىغا كىلەلمەي قازا قىلىدۇ، ئەتىسى سەھەر جو ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكىلەر جو ئەپەندىنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقىدۇ ۋە سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغان كەسپى مەكتەپنى ۋە شۇ سورۇنغا قاتناشقان 7 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سوتقا ئەرىز قىلىدۇ ۋە جو ئەپەندىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە ۋە دەپنە ئىشلىرى بولۇپ جەمئىي 110 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق جو ئەپەندىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكى ۋە ئىسپىرتنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ جو ئەپەندى ئۆزى %70 مەسئۇلىيەتكە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان مو ئەپەندى %20 مەسئۇلىيەتنى قالغان ئالتەيلەن %10 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە جەرىمانە ھەققى ئۈچۈن 35000 يۈەن جەرىمانە تۆلەشنى قارار قىلىدۇ.

4 خىل ئەھۋالدا ھاراق زورلىغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلار سوت كوللىگىيىسى مۇناسىۋەتلىك دىلولارغا مەسئۇل خادىم مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
زىياپەتتە ھاراق ئىچكەنلىكتىن ھادىسە كىلىپ چىقسا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋالدا ھاراققا زورلىغۇچىنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ:

مەجبۇرلاش كۈچى ئارقىلىق ھاراققا زورلاش
مەسىلەن (بۇ ھاراقنى ئىچمىسەڭ ئاغىنەم بولۇشقا ماس كەلمەيسەن) دېگەندەك گەپلەر بىلەن قارشى تەرەپكە مەجبۇرى ھاراق ئىچىش ياكى قارشى تەرەپ ئاللىقاچان مەس بولۇپ ئىسىنى بىلمىگەن ھالەتتە يەنىلا داۋاملىق ھاراققا زورلاش.

قارشى تەرەپنىڭ ھاراق ئىچەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە ھاراققا زورلاش
مەسىلەن قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياكى ھاراق ئىچسە مەلۇم كىسىلى قوزغىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە ھاراققا زورلاش.

مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆيىگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويماسلىق
بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەس بولۇپ ئەس ھوشىنى بىلمەس بولۇپ ھىچنەرسىنى پەرق قىلالمىغان ۋاقىتتا سورۇندىكى بۇ ئاغىنىسىنى ئۆيىگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويمىغانلار.

سورۇندىن تارقىغاندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەيدىغانلارغا مەجبۇرى ھاراق زورلاش ياكى ھاراقتىن نەسىھەت قىلىپ توسىماي قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
مەنبە: ۋاڭيى خەۋەر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى