ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو مەمۇرلىرىغا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلدى
يانفوندا كۆرۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 12-ئايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە پاسپورتى بارلارنىڭ ۋىزا بېجىرىشىنى ئۆز ئارا كەچۈرۈم قىلىش باياناتنامىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى. باياناتنامىدە 2016 -يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، كۈچكە ئىگە ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى ۋە مەمۇرلار ئادەتتىكى پاسپورتى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30 كۈنگىچە تۇرسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قۇملۇقتىكى گۈل دەپ ئاتالغان، نېفىت بىلەن نام چىقارغان ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى. بۇ دۆلەتنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى پارس قولتۇقى، غەربىي شىمالدا قاتار بىلەن قوشنا، غەرب ۋە جەنۇب تەرىپى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقى ۋە شەرقىي شىمالى ئومان بىلەن تۇتىشىدۇ.
پايتەخت ئەبۇ زەبى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئەبۇ زەبى خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختىدۇر. بۇ شەھەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر. ئەبۇ زەبىگە ئوخشاشلا داڭقى چىققان دۇبەي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ خەلىپىلىكى. يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا «ئەرەب مۇنارى مېھمانخانىسى» دۇبەيگە جايلاشقان، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش شىتابى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. دېڭىز قىرغىقىدا «دۇنيادىكى سەككىزىنچى مۆجىزە» دەپ ئاتالغان ۋىندىمىل ئارىلى، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا «دۇبەي مۇنارى» قاتارلىقلار بار.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سىز ئىپتىدائىي ئاق قۇم ساھىللىرىدا ئارام ئالسڭىز ياكى دېڭىزغا چۈمۈلسىڭىز بولىدۇ. قۇملۇقتىكى ماشىنا مۇسابىقىسىگە قاتناشسسىڭىز، تۆگە مىنسىڭىز، دالىدىكى چىدىرلاردا ئارام ئالسىڭىز ياكى ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان گۈلخان يىغىلىشىغا قاتناشسىڭىز تېخىمۇ راھەت.
11-ئايدىن ئۈچىنچى ئايغىچە، ئەڭ ئېسىل ساياھەت مەزگىلى. بۇ مەزگىل ئىسسىق بەلۋاغ قۇملۇق كىلىماتىغا تەۋە. يازدا ھاۋا ئىسسىق ۋە نەم بولىدۇ. تېمپېراتۇرا (5-ئايدىن 10-ئايغىچە) 40-50 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ. قىشتا
(11-ئايدىن 4-ئايغىچە) تېمپېراتۇرا 7-20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ. پات پات قۇم بوران چىقىپ تۇرىدۇ.
بېيجىڭ، شياڭگاڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىن بىۋاستە دۇبەيگە بارغىلى بولىدۇ.
ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى: