خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كونا خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

كونا خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

ۋاقتى: 2016-02-03 ئاۋاتلىقى: 1661 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كونا خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى


كونا خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاش قىزىپ كەتتى، بەزى پۇللارنىڭ قىممىتى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممىتىدىن 70 نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتى ھەممىدىن بەك ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن بىر يۈرۈشىنىڭ بازار باھاسى ھازىر 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، بۇلتۇرقى باھا ئارانلا 43 مىڭ يۈەن ئىدى.


بۇ يىل پاي بازىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر تۆۋەنلەپ بەك تۇراقسىز بولدى. يېقىندا 2015-يىللىق بەشىنچى يۈرۈش يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى تارقىتىلغانلىق سەۋەبىدىن، «ھەشەمەتلىك خەلق پۇلى» پۇل بازىرىنى يەنە بىر قېتىم جانلاندۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئىچىدىكى 2 يۈەنلىك «ئىستانوك ئىشچىسى» پۇلى، چىلان رەڭلىك بىر مو، تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى ئىچىدىكى 90-يىللاردىكى 2 يۈەنلىك ۋە 80-يىللاردىكى 2 مولۇق پۇللارنىڭ بازىرى %20 تىن %50 كېچە ئۆرلەپ كەتتى. ئۆسۈشى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغىنى 1980-يىلىنىڭ 50 يۈەنلىك پۇلى بولۇپ، ھەر بىر ۋاراق پۇلنىڭ قىممىتى 4200 يۈەن بولدى. بۇ پۇلنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتىنىڭ 70 نەچچە ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.


پۇل مەبلىغى بازىرىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق گەپ تارقالغان، يەنى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ 2015-يىلى نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئاستا-ئاستا ئوبوروت ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىكەن، شۇڭا تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىمۇ ئۇزۇنغا قالماي يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان پۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.

تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى جەمئىي 9 خىل كەسلەم ۋە 14 خىل نۇسخىدا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 يۈەنلىك پۇل 1980-يىلىدىكى كەسلەمنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالغان ئىكەن. نۆۋەتتە، بازاردا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان بۇ خىل 10 يۈەنلىك پۇل ئىنتايىن ئاز، شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتى ئاللىقاچان ئۆسۈش ۋەزىيىتىگە كىردى. پۇل سودىگىرى ما ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى پۇل بازىرىدا تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ قىسمەن نۇسخىلىرىنىڭ باھاسى يامان ئەمەس ئۆسكەن ئىكەن، مەسىلەن 90-يىلىنىڭ 2 يۈەنلىك پۇلىنىڭ قىممىتى بۇ يىل بېشىدىكى 18 يۈەندىن 28 يۈەنگە ئۆسكەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى باھاسى ئاللىقاچان 37 يۈەنگە يەتكەن. 80-يىلىنىڭ 2 مولۇق پۇلىنىڭ قىممىتى ھازىر 8 يۈەنگە ئۆسكەن بولۇپ، 10-ئايلىق بازارغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئۆسكەن ئىكەن. 80-يىلىنىڭ 5 يۈەنلىك پۇلىنىڭ ھازىرقى باھاسى 30 يۈەنگە ئۆسكەن. 80-يىلىنىڭ 10 يۈەنلىك پۇلىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۆسۈشى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر ۋارىقى 60 يۈەن ئەتراپىدا بولماقتا. ئەڭ بەك ئۆسكىنى 80-يىلىنىڭ 50 يۈەنلىك پۇلى بولۇپ، يېرىم يىل ئىچىدىلا بۇرۇنقى باھاسىدىن بىر يېرىم ھەسسە ئېشىپ 4200 يۈەنگە يەتكەن. تۆتىنچى يۈرۈش پۇلنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، يىغىپ ساقلاش باھاسى ۋە ئۆرلەش بوشلۇقى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا بەلكىم «بازاردىن چېكىنىش» سەۋەبى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قولىڭىزدا يۇقىرىقى قىممەتتىكى كونا پۇللىرىڭىز بولسا ئەنسىرىمەي يەنە بىر مەزگىل كۈتسىڭىز بولىدۇ.
ساختا پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خەجلەش قانۇنغا خىلاپ.
مەنبە: نۇر تورى
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى