خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن جىددىي جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش، يانفون ئابونىچىلىرى دىققەت!

ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن جىددىي جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش، يانفون ئابونىچىلىرى دىققەت!

ۋاقتى: 2015-10-26 ئاۋاتلىقى: 1929 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن جىددىي جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش، ئايفون ئابونىچىلىرى دىققەت!
بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تۆتكە زەربە بېرىپ تۆتنى يوقىتىش ئورگان يانبىلگىدا چۈشتىن كېيىن 13:32 مىنۇت ئۆتكەندە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. باشخەۋەر تەھرىرى بۇ يەردە كۆپچىلىكنى يانفون ئىشلەتكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. 
ج خ مىنىستىرلىقى تۆتكە زەربە بېرىپ، تۆتنى يوقىتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىزدا رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىۋالسا، قەتئىي «解锁账户» دېگەننى باسماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز «解锁账户» باسسىڭىز، يانفونىڭىز خاكىرلار تەرىپىدىن قۇلۇپلىنىپ قېلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىزدىن نەچچە مىليون يۈەن پۇل تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز «取消» نى بېسىپ، دەرھال ئېلخېتىڭىزنى ئېچىپ ئالما ID مەخپىي شىفىرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشىڭىز كېرەك. 
تۆۋەندىكى ئالدامچىلىق مىساللىرىغا قاراڭ:
بۇ كىشىنىڭ يانفونى خاكىرلار تەرىپىدىن قۇلۇپلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن 500 يۈەن تەلەپ قىلغان. 


ئەگەر ئالمىنىڭ مۇلازىمەتچىسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ناھايىتى ئاۋارىچىلىق، ئۇلار 2 ھەپتىدە ئاندىن مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ بېرىشى مۇمكىن. 
ID مەخپىي شىفىرىنىڭ ئادەتتە 3 تال قوغداش سوئالى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىلسە ئاندىن يانفون قۇلۇپتىن يېشىلىدۇ. ئەگەر ئېسىمىزدە بولماي، تەخمىنىي جاۋابنى بىلسەك يانفون قۇلۇپتىن يېشىلمەيدۇ. شۇڭا ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش شىركىتىگە تالونلارنى فاكىس قىلىپ بەرسىڭىز 2 ھەپتە ئەتراپىدا ئاندىن ھەل بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى مىسال:
بۇ كىشىنىڭ يانفونىدا پەقەتلا تېلېفون قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئالما مۇلازىمەتچىسى بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ ئالاھەزەل 1 ھەپتىدە ئاران ھەل قىلىشى مۇمكىن. 
تۆۋەندە مەملىكەت بويىچە كۆپ جايلاردىكى ئالدامچىلىق ئەھۋاللىرىغا قاراپ باقايلى:
دالىيەن
گۇاڭجۇ
ۋۇخۇ

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى