پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىدىكى ئالىي گېنېراللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى
يانفوندا كۆرۈش
شىنخۇا تورى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ يەر ۋاقتى 20-ئۆكتەبىر كرېمل سارىيىنىڭ جورجى زالىدا رۇسىيە ئارمىيەسىدىكى ئالىي گېنېراللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، دەرىجىسى ئۆسكەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىگەن ھەمدە سۆز قىلغان.
پۇتىن «نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتى يەنىلا تىنچلىقتىن يىراق، خەلقئارا تېررورچىلار سۇرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە تايانچ پونكىتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، پۈتۈن رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلماقتا» دېگەن ۋە تەكىتلەپ: رۇسىيە ئارمىيەسى سۇرىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەسكەر چىقىرىشى، قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بولۇشى كېرەك، ھەرىكەت نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى، رۇسىيە نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلىرى ۋە باشقا ھەر قانداق تەھدىتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ، دېگەن.