بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 15 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27237 قىتىم كۆرۈلدى
پالەك
菠 菜
تەبىئىتى:2- دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسىيتى : قىزىتما قايتۇرۇش،تەرەتنى يۇمشىتىش،سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى: سەپرادىن بولغان قىزىتمىلار،سىل،سۈيدۈك كۈيۈشۈپ كېلىش،قەۋزىيەت،يەر قان،گال ئاغرىقى،دوۋساق تېشى،ئىسسىقتىن بولغان بوغۇملار ئاغرىقى،سۈيدۈك تۇتۇلۇش،قان ئازلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىىش مىقدارى: 1 – 5 گىرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ بېشىى ئاغرىتىدۇ.
ئورۇنباسارى: سېمىز ئوت.
تۈزەتكۈچىسى: بادام يېغى،قايماق،سېرىق ياغ،قارىمۇچ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت