busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 19 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26775 قىتىم كۆرۈلدى

ئىبادەت ئاتاۋۇللا

 

 

1962-يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان،1985-يىلى خوتەن تىببى مەكتىۋىنى پۈتتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت  دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن،2006-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرىسستتى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك داۋالاش كەسپى بۇيىچە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇشىنى تاماملىغان ،2001-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت  دوختۇرخانىسى ئىچكى بۇلۇم مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن ،2007-يىلى  مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ كەسپى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن .

خىزمەتكە قاتناشقاندىن بىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك ئالى تېخنىكۇمى ئىلمى ژورنىلى ، ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك ژورنىلى ،جۇڭگو مىللى تىبابەت ژورنىلى ۋە دولەت سىرتىدىكى تىببى ژورناللاردا 30نەچچە پارچە ئىلمى ماقالە ئىلان قىلغان ،بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى ماقالە مۇنەۋەر ئىلمى ماقالە بۇلۇپ باھالانغان.

كەسپى خىزمەت جەريانىدا ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۈيۈپ ،ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ دىئا گۇنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ بىمارلارغا ئۆز قېرىندىشىدەك كۇيۇنۇپ تاجىسىمان يۇرەك كىسەللىكلىرى ،يۇقۇرى قان بېسىم ،رىماتىزىم خاراكتىرلىك يۇرەك كىسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۇرەك كىسىلى ،ھەرخىل راك كىسىلى قاتارلىق داۋالاش قىيىن بولغان مۇرەككەپ كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا يۇقۇرى ئۈنۈم قازىنىپ كەڭ بىمارلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

كۆپ قېتىم ئااپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋەر خىزمەتچى ،مۇنەۋەر پا رتىيە ئەزاسى ،ئىلغار ئايال خىزمەتچى قاتارلىق شەرە پلەرگە ئېرىشكەن .

ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت  دوختۇرخانىسى يۈرەك مىڭە قانتۇمۇر 1-بۇلىمىنىڭ بۆلۇم مۇدىرى ،مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ،مەملىكەتلىك 11-بەش يىللىق پىلانغا كىر گۇزۇ لگەن( تۇراقلىق يۈرەك سانجىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتى)خىزمىتىنىڭ سۇ پەت كونتىرۇل قىلغۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ .

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282