busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23697 قىتىم كۆرۈلدى

مەمتىمىن ئىلى

 

 

 

1957-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنڭ كېرىيە ناھىيىسىدە تېۋىپ ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلغچە ئائىلە تەربىيسىدە. 1964 -يىلى9-ئايدىن 1974يىلى 7-ئايىغچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1974 -يىلدىن باشلاپ خىزمەتكە قاتنشىپ 1976–يىلغچە دادىسى ئىلىي ھەزرتىمنڭ يېنىدا تۈرۇپ تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن. 1976-يىلدىن 1978-يېلغچە خوتەن تېببىيى تېخنىكۇمدا ئېچلغان تۇنجى قارارلىق ئۇيغۇرتېبابەت داۋالاش كەسپى سىنپىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيسىدە دادسى ئىلخان ھەزرتىمنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆزنڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلملىرنى دادسىنڭ كېسەل كۆرۇش، كېسەللەرگە دىئاگۇز قويۇش، داۋالاش، دورا ئىشلىتىش جەھەتلەردىكى ئەمەلىي تەجرىبلىرنىىى ئىگەللەش بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئۆگىنىپ ئۆز بىلمىنى مۇستەھكەملىگەن. 1979-يىلدىن 2001-يىلغچە ئامبۇلاتۇرىيە ۋە كىلنىكا بۆلۈملەردە تېۋىپلىق قىلغان ھەم ئىچكى كىسەل ساھىسىدە ھەرقايسى بۆلۈم كىسەللرنى ،بۆرەك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللكى،جىنسى ئاجىزلىق كىسەللىكى، ھەزىم سىستىېما كېسەللكى، نەپەس سىستېماكېسەللكى، سۆڭەك، بۇغۇم كېسەللكلىرى، روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلىرى، تېرە، تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرىگە دىئاگنۇز قويۇش ئالاھىدىلكى بار، (ئۇنۋىرسال كىسەللىكلەرنى داۋالاش، دىئاگنۇز قويۇش جەھەتلەردە ئالاھىدىلكى بار)، ھازىرشىنجاڭ ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك ئالىي تىخنىكومىنىڭ تەكلىپلىك پىرا ففسۇر . ئۇستاز مەمتىمىن ئىلىي مۇل ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلغان ھەمدە تەجرىبلەرنى يەكۇنلەپ «50نەپەر بىمارنڭ كالا تەمرەتكىسىنى داۋالاش نەتىجىسىدىن دوكلات»قاتارلىق 30نەچچە پارچە ئىلمى-نەزەرىيىۋى ماقالە يېزىپ ھەر دەرىجلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنلىرىدا ئالماشتۇرغان ۋە كىتابلاردا ئېلان قىلدۇرغان. بۇلارنڭ ئىچىدە بىرپارچە ماقالىسى2000-يىلى2-قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللىي تېبابەت-دورىگەرلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «OHWT»مونىكا مۇسابىقىدە پەن-تېجنىكىنى ئىلگىرى سۈرۇش بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان ھەم 2006-يىلى 12-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئيىتىنىڭ 3-قۇرۇلتىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا«114 نەپەر بىماردىكى بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنى داۋالاشتىن دوكلات»،« 97نەپەر خانازىر بىمارلىرىنى كىلىنكىلىق داۋالاشتىن دوكلات»دىگەن 2پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشتى،ئۆزى دورىگەرلىك جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزالىققا سايلاندى.2008-يىلى 6-ئايدادۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق پەن-تىخنىكنى تىرەك قىلىش پىلاندىكى «تەگىسىمان تەمرەتكە كىسىلنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويچە داۋالاش تىخنىكىسنى قىلىپلاشتۇرۇش تىخنىكسى»«ئاق كىسەل،بالياتقۇمۇسكۇل ئۆسمىسنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويچە كىلىنكىلىق داۋالاش ئۈنۈمگە باھا بىرىش تەتقىقات »تۈرى گۇرۇپىسنىڭ تارماق گۇرپا باشلىقى بولغان ھەم «خوتەن ۋىلايەتلىك پەن-تىخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى»گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن.مەمتىمىن ئىلى 2010-يىلى 10-ئايدا«ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى «ئەفتىمۇن تابلىتى»نى تەتقىق قىلىپ ئىچىش گۇرپىسىغا قاتنىشىپ 3-دەرىجىگە ئىرىشكەن، 2011-يىلى 12ئايدا «54 نەپەر بىماردىكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋىناسىنىڭ ئەگرە-بۈگرىلىشىنى دالاشتىن دوكلات»دىگەن ماقالىسى خۆتەن ۋىلايەتلىك پەن-تىخنىكا تەرەققىياتىدا 3-دەرەجىلك ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ،دوختۇر خانا ئورۇنلاشتۇرغان «ئۈچىنچى دەرىجىلك دوختۇرلارنى باھالاش ئۆلچىمى»بىلىملىرى بويچە تەربىيلەش گۇرپىسىغا قاتنىشىپ «تەربىيلەش لاياقەتلىك گۇۋانامىسى»غا ئىرىشكەن.2012-يىلى 8ئايدا ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى «جاۋارىش ئەنبەر»نى تەتقىق قىلىش گۇرپىسىغا قاتنىشىىپ 4-دەرىجىگە ئىرىشكەن. 12-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تىخنىكومنىڭ تەكلىپلىك پىرۇففسور،ئۇستاز يىتەكچىلككە تەكلىپ قىلنغان، 2013-يىلى 12-بەش يىللىق پەن-تىخنىكنى تىرەك قىلىش پىلاندىكى «ئۇيغۇر تىبابەتتە سوزۇلما خاراختىرلىك مەزىبىزنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگەئەۋزەلللىك بويچە داۋالاش باھابىرىش »تەتقىقات گۇرپىسنىڭ مەسئۇلى بولغان.ئۇنىڭ تەرجىمالى ھەم ئىش-ئىزلىرى «خۆتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىۋىپلار»،«كىرىيە تارىخ ماتىرىيالى»دىگەن كىتاپلارغا كىرگۈزىلگەن.
ھازىر ئۇ ئاپتۇنوم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەت ئىلمىي جەمئيتىنڭ ئەزاسى.بۆرەك-دىئابىت بۆلۈمنىڭ مۇدىرى.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282