ئالىيە ئابدۇخالىق ،1972- خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسدىكى پىشقەدەم تىۋىپ ئابدۇخالىق ھاجى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .
1978- يىلدىن 1989- يىلغىچە خۇتەن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ ۋە ۋىلايەتلىك 1- ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇشنى تاماملاپ 1989- يلىدىن 1993- يىلغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك تىببى مەكتەپنىڭ رىنتىگىن كەسپىدە تۈت يىل ئۇقۇپ 1993- يىلى 9- ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلنغان .
1994- يىلى 2- ئايدىن 8- ئايغىچە خەلق دۇختۇرخانىسىى رىنتىگىن بۈلىمىدە 6 ئاي بىلىم ئاشۇرغان شۇنداقلا ئۇستازلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن .
1994- يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 5- ئايغىچە خۇتەن شەھەرلىك خەلق دۇختۇرخانىسىنىڭ Bچاۋ كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان .
1995- يىلى 6- ئايدىن 1997- يىلى 7- ئايغىچە خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن .1997- يىلى 7- ئايدىن 10- ئايغىچە خۇتەن ۋىلايەتلىك خەلق دۇختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرغان .
1997-يىلى 10- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە خۇتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسىنىڭ Bچاۋ بۈلۈمىدە ئىشلىگەن .
2004- يلى 7- ئايدىن 10- ئايغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىسىدا يۈرەك Bچاۋسىدىن بىلىم ئاشۇرغان . شۇنداقلا ئۇستازلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن 2000- يىلى ۋىراچلىق ئۈنۋانىنى ئالغان .2006- يىلى 12- ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۈرىيتى سەھىيە مىنىستىرلىكى تارقاتقان چوڭ تىپتىكى تىببى سايمانلارنى ئىشلىتىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن .
2008- يىلى 1- ئايدا باش ۋاراچلىق ئۈنۋانىنى ئالغان .2005- يىلى 1- ئايدا سايىلاندۇرۇش بۈلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن .
13 - يىللىق ئەمىلىي خىزمەت جەريانىدا ئۇ تۇختىماستىن تىرىشىپ يىتەكچى ئۇستازى بۇلمىغان شارائىتتىمۇ يالغۇز ئىشلەپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى قېتىرقىنىپ ئۇگۈنۈپ ئۈزىنىڭ كەسپى سەۋىيەسنى ئۈزلىكسىز ئۈستىرگەن . 2006- يىلدىن باشلاپ خۇتەننىڭ ھەرقايسى ناھىللىرىدىكى ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىللىرىدىن كەلگەن بىلىم ئاشۇرغۇچىلارنى تەربىيلىگەن .
ئۇ ئەمىلىي خىزمەت تەجىربىسىگە ئاساسەن " ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۈغىنىڭ كىلنكىلىق ئىپادىسى ۋە رىنتىگىندىكى ئىپادىسى " "ھامىلدارلىقنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى " " ھەرخىل بۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى ۋە ئۇلتىرا ئاۋاز دۇلقۇن ئاپىراتىدا ئىپادىلىنىشى " " بالىياتقۇ مۇسكۈل ئۈسمىسىنىڭ كىلىنكىلىق ئىپادىسى ۋە ئۇلتىرا ئاۋاز دۇلقۇن ئاپىراتىدا ئىپادىلىنىشى " قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى . " ھەر خىل بۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامىتى ۋە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدىكى ئىپادىسى " دىگەن ئىلمىي ماقالىسى 2000- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىببى دورىگەرلىك يېغىنىغا قايناشتۇرۇلدى ." بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۈسمىسىنىڭ كىلىمكىلىق ئالامىتى ۋە ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنىدىكى ئىپادىسى " دىگەن ئىلمىي ماقالىسى2006- يىلى 12- ئايدا خۇتەن ۋىلايەتلىك مىللى تىببى دۇرىگەرلىك يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلدى ،ھەمدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى .
" 35 نەپەر ئەمچەك بەز كىسەللىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش ئۇسۇلى " دىگەن ئىلمىي ماقالىسى 2007- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللى تىببي دۇرىگەرلىك يېغىنىغا قاتناشتۇرۇلدى ھەمدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى . يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىببي ئىلم ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 1- سانىغا چىقىرىلدى .
" بۈرەك تاش كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتىن 3 مىسال " ( خەنرۇچە) دىگەن ئىلمى ماقالىسى 2008- يىلى 7- ئايدا 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللى تىببى دۇرىگەرلىك ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 9- سانىدا ئىلان قىلىندى .