بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 15 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 25986 قىتىم كۆرۈلدى
بېللادوننا
颠 茄 草
تەبىيىتى:3- دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
خۇسۇسيىتى:يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەست قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى ۋە باشقا بارلىق ئەزالاردىكى ئاغرىقلار، كونا يۆتەل، زىققە، دوۋساقنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشى، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىلىش مىقدارى: 1~0.5 گىرام
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كۆپ ئىستىمال قىلسا، گال قىچىشىش، جۆيلۈش پەيدا قىلىدۇ، باشنى ئاغرىتىدۇ.
ئورۇن باسارى: ئەپىيۇن.
تۈزەتكۈچىسى: بادام يېغى.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت