بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 15 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26382 قىتىم كۆرۈلدى
بىنەپشە
天 山 堇 菜
تەبىيىتى: 2-دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
خۇسۇسيىتى: قىزىتما قايتۇرۇش، تەرەت ماڭدۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش،كۆكرەكنى سىلىقلاشتۇرۇش.
ئىشلىتىلىشى: كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، زۇكام، نەزلە، گال قىچىشىش، يۆتەل، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى،قەۋزىيەت، قىززىتما قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىلىش مىقدارى: 7~5 گىرام.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۈرەككە زىيان قىلىدۇ.
ئورۇن باسارى: گاۋزىبان.
تۈزەتكۈچىسى: رۇم بەدىيان.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت