بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 11 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 32049 قىتىم كۆرۈلدى
سىماب مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:گۈڭگۈرت سېرىقى،ئاق موم،سىماب،زىغىر 30 گرامدىن،مۇقەل 20 گرام،بىخ مارجان 15 گرام،گىل ئەرمىنى،تاباشىر،زەرچىۋە 13 گرامدىن،زەيتۇن مېيى،كالا يىلىكى،توخۇ يېغى 30 مىللىلىتىردىن،دورىلارنى ھاۋانچىدا 12 سائەت زاماسكىدەك بولغىچە سوقۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى:مۆتىدىل.
خۇسۇسىيىتى:ھەر خىل قوتۇر،جاراھەتلەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:يۇقۇملۇق يارا ۋە قىچىشقاق،تەمرەتكە قاتارلىقلارغا سىرىتتىن ئىشلىتىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت