بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23928 قىتىم كۆرۈلدى
ھەركەت قىلىشتى قۇۋۋەت پەيدا بۇلىدۇ
ساغلانلىقنىڭ ماھىيتى بەدەننىڭ ئەتراپتىكى دۇنيا بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشتىن ئبارەت. ھەركەت- سوغوقنى يىڭىدۇ. ئادەم ھەركەت قىلغاندا قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ، بەدەن قىزىيدۇ، جىملىق بولسا بەدەننى سوۋۇتىدۇ. ئادەمگە ھەركەتمۇ، جىملىقمۇ مۇھىم، ئېغىر ئەمگەك بېلەن شۇغۇلىندىغانلارغا جىملىق بولمىسا، مۇۋاپپىق دەم ئالمىسا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. يەڭگىل مەشغۇلات بىلەن شۇغۇلىندىغان، كۆپ ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ھەركەتنى كۆپ قىلمىسا كېسەللىك يۈز بېرىدۇ. ئادەمگە ھەركەت ۋە جىملىق ھەر ئىككىلىسى بولغاندا ئاندىن ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى جىسمانى ھەركەتلەر، جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىپ بەدەننىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش. ئادەم ئۈچۈن ساپ ھاۋا، كۈن نۇرى، يامغۇر شىپاللىق دورا ھېساپلىندۇ. ھەر كۈنى ساپ ھاۋادا ياكى كۈن نۇرىدا ھەركەت قىلىپ بەرسە قان ئايلىنىش جانلىنىدۇ. چىراي قىزىرىپ رەڭگى روھى چىرايلىق بۇلىدۇ. قول، پۇتقا كۈچ تولىدۇ.
<<ئۇزۇن ئومۇر كوروش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجىربىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت