busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 27681 قىتىم كۆرۈلدى

ئادەمىنىڭ تېز قېرىپ كېتىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل

ئېرسىيەت ئامىلىدىنمۇ تېز قېرىپ كېتىدۇ. تېز قېرىپ كەتكەن كىشلەرنىڭ تېز قېرىپ كەتكەن بوۋا- مومىلىرى ۋە ئاتا- ئانىلىرى بۇلىدۇ. يەنە تاشقى ئامىل بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم قېرىغاندا بەدەندىكى تۇقۇلمىلار، ھۈجەيرىلەر ئازىيىپ كېتىدۇ. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ، بەدەن ئاجىزلىشىدۇ، كۆزنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتى ناچارلىشىدۇ، چاچ ئاقىرىدۇ، سۈڭەك شالاڭلىشىدۇ، قان قۇيۇقلىشىپ قالىدۇ. قاش ۋە بۇرۇننىڭ تۈكى ئاقىرىدۇ، تىرە يىرىكىلىشىدۇ. بەدەندىكى سۇ مىقدارى تۈۋەنلەپ، تىرە بوشىشىپ كىتىدۇ. تىرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ. قولنىڭ دۈمبىسىگە ۋە چىكە ئىڭەكلەرگە قېرىلىق دېغى چۈشىدۇ، چىش چۈشۈپ كىتىدۇ. بەدەن مۇسكۇللىرى يىگىلەپ كىتىدۇ. جاراڭلىق ئاۋازى پۈتۈپ خىرقىراپ قالىدۇ. بۇغۇملار بوشاپ كىتىدۇ. قول- پۇتلارنىڭ كۈتىرىش كۈچى ئاجىزلايدۇ. مۇھىت بىلەن ماسلىشىش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىدۇ. مىڭە، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ ۋە بۇ مۇھىم ئەزالار مەلۇم نىسبەتتە قورۇلۇپ كىچىكلەپ كىتىدۇ. ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىمۇ يىنىكلەپ قالىدۇ. مىجەزىدە ئۆزگىرىش بۇلىدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، بۆرەك قورۇلۇپ كىچىسى تۇلا سىيگۈسى كىلىپ، سۈيدۈك تۇتالمايدۇ، ئاسان يۇقۇملىندۇ. ئەگەر ھەركەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ ماڭغان بولسا قېرىش ئاستىلاپ يۇقۇرقى قېرىش ئالامەتلىرى ئاستىراق يۈز بىرىدۇ. دىمەك ھەركەت- قېرىشنى كىچىكتۈرەلەيدۇ.

<<ئۇزۇن ئومۇر كوروش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجىربىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282