بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10737 قىتىم كۆرۈلدى
بەل تۇيۇقسىز قايرىلىپ كېتىش
بەل تۇيۇقسىز قايرىلىپ كېتىش نىسبەتەن كۆپ ئۇچىرايدىغان بىر خىل زەخمىلنىش بۇلۇپ، بەل قىسمىدىكى مۇسكۇللار، سېرىقئەت ۋە تارامۇشلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق ھەركەتكە بەرداشلىق بىرىشىدىن كىلىپ چىققان تالالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ كېتىشى بۇلۇپ، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغان ئەمگەكچىلەردە كۆپ كۈرىلىدۇ.
ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر
1.قاننى جانلاندۇرۇپ، قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنى يۇقۇتىدىغان يىمەكلىكلەر: دەسلەپتە غولپىياز ئېقى، ئاپلىسىن قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.
2.ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول يىمەكلىلكەر: ئەسلىگە كىلىش دەۋرىدە گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا، زەخملەنگەن تۇقۇلمىلارنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ.
ياقمايدىغان يېمەك- ئىچمكلەر
1.ئاچچىق- چۈچۈك، غىدىقلاش خۇسۇسيىتى بار يېمەكلىكلەر: ئاچچىق- چۈچۈك، غىدىقلاش خۇسۇسيىتى بار يىمەكلىكەر ياللۇغنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، قىزىرىپ ئىشىش، ئاغرىشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭا قىزىلمۇچ، لازىجاڭ، قىچا تالقىنى، كۈدە، سامساق قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
2. ئىسىقلىقنى ئاشۇردىغان يېمەكلىكلەر: خام زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، تالا، ئارپا بادىيان، قوي گۈشى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
3. يەل تاشتۇردىغان يېمەكلىكلەر: ھەر خىل بېلىقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
4. مايلىق، مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر: بۇنداق يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت