busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10986 قىتىم كۆرۈلدى

سۇنۇق

سۇنۇق ئادەتتە يېپىق سۇنۇق، ئۇچۇق سۇنۇق، پاتولوگىيلىك سۇنۇق دەپ ئۈچ خىلغا بۈلىندۇ.

يېپىق سۇنۇق يەنە نۇقۇل سۇنۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەك سۇنغان ئۇرۇندىكى تىرە زەخمىلەنمەيدۇ، سۇنغان سۆڭەك سىرىتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشمايدۇ، سىرىتتىن قاراپ سۆڭەكنىڭ سۇنغانلىقىنى بىلىشكە بولمايدۇ، بىراق، شۇ ئۇرۇننىڭ شەكلىىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.

ئۇچۇق سۇقۇن يەنە مۇرەككەپ سۇنۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەك سۇنغان ئۇرۇندىكى تىرە يىرتىلىپ كەتكەن بۇلىدۇ، سۈڭەكنىڭ سۇنغان تەرەپلىرى سىرىتقى مۇھىت بىلەن ئۇچىرشىدۇ، تىرە سىرىتىقا چىقىپ قالىدۇ، ئۇنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1. ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول يىمەكلىلەر: نىسبەتەن كىچىك تىپتىكى سۇنۇقلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلىدۇرغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كىلىدۇ. يىمەكلىك تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنىتلەر يۇقۇرى بولسا شۇنداقلا ھەر خىل ۋىتامىن ۋە ئانۇرگانىك تۇزلار تۇلۇق بولسا سۇنۇقنىڭ تۇتۇشى ۋە ساقىيىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىشىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان يېمەكلىكلەر: پىياز، كۈدە قاتارلىقلار سۇنۇقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ.

3. بەدەننى قۇۋۋەتلەپ پەي ۋە سۈڭەكنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىكلەر: ئالقات، كالا گۆشى، قوي گۆشى ۋە ئۇلارنىڭ سۈڭەك شورپىلىرى سۇنۇقنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىردە ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ.

4. ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان يېمەكلىكلەر: سۇنۇق مۇقۇملاشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلىنىپ ھەركىتى ئازىيىپ كەتكەن، ئىشتىھاسى ناچارلاپ، ھەزىم ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن كېسەللەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ.

5. كالتىسى، ماگىنى، سىنىك تەركىبى مول يىمەكلىكلەر: سۈت، تۇخۇم، قارا گۆش سېرىق يېشىل كۆكتاتلار ۋە مىۋە چىۋىلەر سۇنۇق مۇقۇملاشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كىلىدۇ.

ياقمايدىغان يىمەك- ئىچمەكلەر

1. كالتىسىنى قارغۇلاچە تۇلۇقلاش: كالتىسى سۆكەكنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم خام ئەشيا، بەزىلەر سۈڭەك سۇنغاندىن كىيىن كالتىسى تۇلۇقلاپ بەرسە سۈڭەكنىڭ تۇتىشىنى تىزلىتىدۇ دەپ قارىماقتا، بىراق تەتقىقاتتىن كالتىسىنىڭ قۇبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا سۇنۇقنىڭ تۇتىشىنى تىزلەتمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كېسەللەردە قاندىكى كالتىسى ئۆرلەپ كىتىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن قاندىكى فوسفۇرنى تۈۋەنلىتىۋىتىىغانلىقى بايقالدى. سۆڭىكى سۇنغان كىسەللەرنىڭ بەدىنىدە كالتىسى مىقدارى تۈۋەن بۇلىشى ناتايىن، پەقەت كىسەللىك ئەھۋالى ۋە دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىقتىدار چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەركەت قىلىپ بەرگەندە سۈڭەكلەرنىڭ كالتسىنى سۈمۈرىشى، پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇنۇقىنىڭ تۇتۇشىنى تىزلەتكىلى بۇلىدۇ.

2. تاماق تاللاش: سۆڭىكى سۇنغان كېسەللەردە شۇ ئۇرۇندا ئىششىق، قان تۇلۇش، قاناش، مۇسكۇل تۇقۇلمىلار زەخمىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار بۇلىدۇ. شۇڭا، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى يىتەرلىك ئىستىمال قىلىپ، تاماق تاللاشنى تاشلاش لازىم.

3. ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر: سۆڭىكى سۇنغان كىسەللەرنى جىپىسقا ئېلىپ قويغاچقا ياكى تاختا بىلەن قىسىپ قويغاچقا ھەركىتى چەكلىمگە ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنغان ئۇرۇن ئىشىپ، ئاغىرىپ تۇرغاچقا، ئىشتىھاسى نورمالسىزلىشىپ تۇرىدۇ، بەزىدە قەۋىزيەت بۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا ھەم ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇردىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى لازىم.

4. سۇنى ئاز ئىچىش: سۆڭىكى سۇنۇپ، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كىسەللىكلەر بۇلۇپمۇ ئۇمۇرتقىسى، داس سۈڭىكى ۋە پۇت سۈڭەكلىرى سۇنغان كىسەللەرنىڭ ھەركەت قىلىشى ئىنتايىن قۇلايسىز بۇلۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ئىچىشتىن يالتىيىش ئارقىلىق، سىيىش ۋاقتىنى ئازايتىشقا تىرشىدۇ. بىراق سۇنى ئاز ئىچىش، ھەركەت ئاز بۇلۇش قەۋزىيەت پەيدا قلىدۇ. سۈيدۈك يولى تېشىنى ۋە سۈيدۈك ئاجىرتىش سېستىمىسى يۇقۇملىنىشنى قوزغىتىدۇ، شۇڭا، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كىسەللەر سۇنى كۆپ ئىچىپ بىرىش لازىم.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282