busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 18231 قىتىم كۆرۈلدى

سۈڭەك شالاڭشىش كىسىلى

سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلى ياشانغانلاردا كۆپ كۈرىلىدۇ.كالتىسى ماددىسى كەملەش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن سۆڭەكنىڭ قاتتىقلىشش دەرىجىسى تۈۋەنلەپ كېتىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.

ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1. كالتىسى تەركىبى كۆپ يىمەكلىكلەر: كالا سۈتى، سۈت پاراشۇكى، تۇخۇ تۇخۇمى، پۇرچاق ۋە ئۇنىڭىدىن ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر، قوي گۈشى شورپىسى، بېلىق، راك، بەسەي، كەرەپشە، مايلىق بەسەي، كۈدە سوقا چىلان قاتارلىقلاردا كالتىسى ماددىسى كۆپ بۇلۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش لازىم.

2. ۋىتامىن D نى تۇلۇقلاپ تۇرۇش ۋە دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇش: ۋىتامىنDقۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئولتۇرا بىنەپشە نۇر چۈشكەندىن كىيىن كالتىسىنىڭ چۆكۈپ سۈڭەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددا، ۋىتامىن Dنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەينىڭ كالتىسىنى سۈمۈرىشىنى تىزلىتىدۇ ھەم ئۇنى چۆكتۈرۈپ سۆڭەكلەشتۈرۈپ، سۈڭەكنى مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىسەللەر دائىم ۋىتامىن D نى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇشى لازىم.

3. فىتورنى مۇۋاپىق مىقداردا تۇللۇقلاپ تۇرۇش: ئىچىملىك سۇنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردا فىتور بىرىكمىلىرى بۇلىدۇ، ئۇ سۈڭەك شالاڭشىشى كىسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ياردەم قىلىدۇ.

4. مانگان تەركىبلىك يىمەكلىكلەر: پىدىگەن، يىسى پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، كاۋا، قوناق، تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مانگان بۇلىدۇ.

ياقمايدىغان يېمەك ئىچمەكلەر

1. قەنت: قەنت كۆپ ئىستىمال قىلىنسا كالتىسىنىڭ سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋاستىلىك ھالدا سۆڭەك شالاڭلىشش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. شۇڭا، قەنتنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

2. ئاقسىل: ئاقسىل ھەددىن ئارتۇق قۇبۇل قىلىنسا، كالتىسىنىڭ كىمىيپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۇز: تۇز ھەدىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىنسا، كالتىسىنىڭ كىمىيىشىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك شالاڭشىشى كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

4. قەھۋە: قەھۋەنى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ كالتىسى يۇقۇتىشى قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ بۇلىدۇ.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282