busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 29136 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك ئاغرىش

 تۇنۇش:

بۆرەك ئاغرىش-بۆرەك تۇيۇقسىز قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت، ئاغرىق چىدىغۇسىز ھالدا قاتتىق بولىدۇ ۋە كۆچۈپ ئاغرىيدۇ.

سەۋەبى:

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش:ھەرخىل ياللۇغلاردىن بۆرەك زەخمىلىنىش، بۆرەك ساھەسىدە يېغىلغان قۇيۇق يەل تەسىرىدە بۆرەك سۈيدۈك قانىلى، دوۋساق ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ تارتىشىشلىرى سەۋەب بولىدۇ. بۆرەك مۇجۇپ ئاغرىش مۇستەقىل كېسەل ئەمەس، بەلكى يۈقىرقى كېسەللىكلەرنىڭ بۆرەكتە كېسەللىك بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئالامىتىدىن ئىبارەت.

ئالامىتى:

ئىنچىكە بەل،بۆرەك ئۇدۇلى ناھايىتى چىڭقىلىپ مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، يول يۈرگەندە بۇ ئاغرىش يۆتكىلىپ،دوۋساق تەرپىگە ئۆتىدۇ.بەزىدە بىرخىل لوقۇلداپ تېلىپ ئاغرىش دوۋساققا، ئۇرۇق بېزىگە ئەرلىك جىنسىي ئەزاغا،يېرىققا، بەلكى يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىگىچە يېتىپ بارىدۇ. كېسەل ئاغرىقنىڭ سەۋەبىدىن ئۇرۇق تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. ئۇياندىن بۇيانغا يۇمۇلىنىدۇ. كۆپىنچە بۆرەك تاش كېسىلىدىن گۇمان قىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىش يەل سەۋەبىدىن بولسا بۆرەك ئۇدۇلىدا چىڭقىلىش بېلىنىدۇ. لېكىن قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئاغرىش، چىڭقىلىش يىنىكرەك بولىدۇ.

ئەگەر ئاغرىش ئىسسىق سەۋەبىدىن بولسا ئۇ چاغدا بۆرەك ئۇدۇلىنى سىلاپ كۆرگەندە ئاغرىش بىر دائىرە ئىچىدە مەلۇم بىلىنىدۇ، قورساق ئاچ-توقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ.

ئەگەر ئاغرىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندىن بولسا سۈيدۈكى پات-پات قىستايدۇ. لېكىن تەرەتكە بارسا بىر ئىككى تامچە سۈيدۈك كېلىدۇ. ياكى پەقەت كەلمەيدۇ ياكى ناھايىتى ئاز-ئازدىن تامچىلاپ چىقىپ تۈگەيدۇ. سۈيدۈك قان ئارىلاش بولىدۇ، ئاغرىش شۇ بۆرەك تەرەپتىكى ئۇرۇقدان ئۇستىگە چىقىۋالىدۇ. بىمارنىڭ قول-پۇتلىرى مۇزلايدۇ. كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كېتىدۇ. تۇمۇر ھەركىتى ئىنچىكە ۋە كۈچسىز بولىدۇ، كۆڭلى ئايلىنىپ قۇسىدۇ، بىئارام بولىدۇ، ئاغرىق پات-پات تۇتقاقلىق تۇتىدۇ. بەزى چاغلاردا ئۇدا ئاغرىيدۇ، ئاغرقىنىڭ تۇتۇشى ياكى ئارام بېرىشى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر تاش بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئۆتكۇزۇش كانىلىدىن سۈيدۈككە چۇشۇپ كەتسە ياكى ئارقىغا قايتىپ بۆرەك جامىغا كەلسە ئاغرىق توختاپ قالىدۇ.

بەزى كېسەللەردە ئاغرىش پەقەت بەلدىلا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەلنى تۇزلىگىلى بولمايدۇ، ئاغرىش ئۇرۇق بېزى ياكى يېرىق-يوتىلارغا تارقىمايدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب تاشنىڭ بۆرەك ئېغىزىغا قادىلىپ قېلىپ ياقايتىپ كەتمىگەنلىكى ياكى سۈيدۈك قانلىغا كەتكەنلىكىدىندۇر. بۇ خىلدىكى بۆرەك ئاغرىقى قىزىتمىدىن خالى بولالمايدۇ. قوقاقلىق بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

يەلدىن بولسا،يەل ھەيدەش،ياللۇغ قايتۇرۇش،ئىششىق ياندۇرۇش،سۈيدۈك ھەيدەش،تاش تەسىرىدىن بولسا تاشنى پارچىلاپ چۇشۇرۇش،ئۆسمە بولسا ئۆسمىنى يوقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282