ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشى
تۇنۇش
ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزىلىشى ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سوغۇقلۇق ئامىللارنىڭ ئاشقازانغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئاشقازان فېزلوگىيەلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كىلىنكىدا ھەزىم پائالىيتى ياخشى بولماسلىق،ئااچىق كېكىىرىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بوزۇلۇش خاراكتېردىكى كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى
سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،بەك تويۇنۇپ ئۇخلاش،ھەركەت ئاز بولۇش،سوغۇق مۇھىتلاردا سەپەر قىلىش ۋە خىزمەت قىلىش قاتارلىق ئامىللار ئاشقازان لومۇلدەش ھەركىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ھەمدە نورمال قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۇزۇپ ئۇزۇقلۇقلارنىڭ سوۇرلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش بىلەن ھەزىم بوزۇلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى
ھەزىم پائالىيتى ئاجىزلاپ ئىستىمال قىلغان يېمەكلىك تۇلۇق بوتقىغا ئايلىنالماي ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇرايدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە بەدەن سومۇرلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجى ئاشىدۇ. ئاچچىق كېكىرىدۇ. تەرەت يۇمشاق لىكىن يەللىك كېلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپنى يوقۇتۇش،ئاشقازاننى قىزىتىش ،ھەزىمنى ياخشىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت