busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 16641 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بوزىلىشى

تۇنۇش

ئاشقازان مىزاجنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بوزۇلىشى ھەرخىل سەۋەپلەردىن نورمال بەلغەم خىلتى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىپ ئۆزىنىڭ فېزىئولوگىيلىك خىزمىتىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالمىغانلىقتىن كىلىنكىدا ھەزىم بوزۇلۇش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،قورساق كۆپۇش،سېسېق كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

 سەۋەبى

ھەرخىل سوغۇق تەبىئەتلىك غىزالار ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېچىش تاماقنى يەپ بولۇپلا يېتىش،سوغۇق ۋە زەيلىك مۇھىتلاردا ياشاش ياكى خىزمەت قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر ئۇزۇن مۇددەت ئاشقازانغا تەسىر قىلغاندا بەدەندىكى نورمال بەلغەم خىلتى سۇپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ تەمسىز بەلغەمنى پەيدا قىلىپ ئاشقازاننىڭ ھەزىم پائالىيتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەزى يېنىك يقۇملىنىش ۋە باشقا غەيرى تەبىئى سەپرا خىلتىنىڭ بەلغەمگە قوشۇلۇش تەسىرىدىن بەلغەم خىلتىنىڭ نورمال قىيامىنى قويۇقلاشتۇرۇپ نورمال ماددا ئالمىشش سالاھىيتىگە ئىگە بولمىغان يېپىشقاق بەلغەمنى ھاسىل قىلىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىگە نىسبەتەن ھەركەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇزۇقلۇقلارنىڭ سۇمۇرلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. بۇ خىل خىلىت ئاشقازان مىزاجىدا بوزۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى

ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن قاچىدۇ. ئۇسسۇلۇق بولمايدۇ. قورساق كۆپۇدۇ.سېسىق كېكىرىدۇ. بەدەن رەڭگى ئاق ،نورسىز كېسەل چىراي بولۇپ قالىدۇ.تومۇرى ئاستا توم سوقىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

غەيرى تەبىئى خىلىتقا قارىتا چارە قىلىش ھەزىمنى ياخشىلاش،ئاشقازاننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282