busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 53520 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك ئاجىزلىق

 تۇنۇش:

بۆرەك ئاجىزلىق-بۆرەك ئاجىزلاش ياكى بۆرەك زەئىپلىشش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر بۆرەك ياكى ئىككى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

بۆرەك زەئىپلىشش يەڭگىل ۋە ئېغىر بولۇشى مۇمكىن، يۈرەك كېسەللىكلىرى،مېڭە كېسەللىكلىرى (مېڭىگەن قان چۇشۇش،شۇك ۋە باشقىلارنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدىكى بۆرەك ۋە يۈرەكنىڭ بىردەك زەئىپلىشىشى)بىمارلار ھاياتىغا دەرھال خەتەر يەتكۇزىدۇ. شۇڭا بۆرەك زەئىپلىشش دىگەندە بۇ يەردە بۆرەك خىزمىتىنىڭ يەڭگىل زەخمىگە ئۇچراشلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ خىل بۆرەك زەئىپلىشش ئۇزاق داۋام قىلسا ئوخشاشلا بۆرەك ئىچكى قىسمىنى بۇزۇپ سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۇكتىن زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۇمگە ئېلىپ كېلىدۇ.

سەۋەبى:

بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلىشى ئۇزاق داۋاملىشش، بۆرەك ئۇرۇقلاش،بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، كۆپ جىماقىلىش، ھەرخىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى تۇلۇق داۋالاپ ساقايماسلىق، يۈرەك ئىچىكى ۋەرىتلىرى قېتىش، بۆرەك سىلى ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرلىشى زەخمىگە ئۇچراشلارمۇ بارا-بارا بۆرەكنى زەئىپلەشتۇرىدۇ. ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش،سۇسىزلىنىش،كۆكپ قان كېتىش،شۇك ھادىسىلىرى بۆرەك زەئىپلىكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. سۇيدۇك ھەيدىگۈچى دورىلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق ئات-ئۇلاغ مېنىش،بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئاز تولا ياردەم بېرىدۇ.

ئالامىتى:

بۆرەك ئىسسىقتىن بۇزۇلغان بولسا سۇيدۇك سۇس قىزىل رەڭلىك كېلىدۇ. تۇمۇرى ئىتتىك بولۇپ تولا ئۇسسايدۇ. بۆرەك ئۇدۇلى قىزىق بىلىنىدۇ، سيۇدۇك داغلىق كېلىدۇ. بۆرەك خىزمىتى سوغۇقتىن بۇزۇلغان بولسا سۇيدۇكى رەڭسىز(ئاق)كېلىدۇ. تۇمۇرى ئاستا سالىدۇ. ئانچە ئۇسسىمايدۇ، بۆرەك ئۇدۇلى سوغۇق بىلىنىدۇ، سوغۇقلۇق غالىپلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. بەل ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ ئىگىلگەن رۇسلانغان ،يانغا قايرىلغاندا بەكرەك ئاغرىيدۇ. جىنسىي قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ. سۇيدۇكنىڭ تەققەززاسى ئازراق بولىدۇ، سۇيدۈكى گۆش يۇغان سۇدەك كېلىدۇ، بىر ئاز تۇرغۇزۇلسا ئۇستىدە كۆپۇكسىمان لەيلىمە رۇسۇپ(چۆكمە)پەيدا بولىدۇ، چىرايى بارغانسېرى تاتىرىپ قارىيدۇ، ئۇرۇقلايدۇ، ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشىدۇ، بارغانسېرى تېرىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەسەبى روھى، ئىپادىلەر ماغدۇرسىزلىق، باش ئاغرىش، قۇۋىتى ھافىزىسى تۆۋەنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باشقىلاردىمۇ بارغانچە ئېغىرلىشىش بولىدۇ. ۋاقتىدا توغرا تۇنۇپ مۇۋاپىق داۋالانمىسا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بىلەن بىمار ئۆلۈپ كېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

بەدەننى قۇۋەتلەپ قاننى جانلاندۇرغۇچى ،مەنى كۆپەيتكۇچى،بۆرەكنى سەمىرتىپ،قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282