busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 19245 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشى

 تۇنۇش:

بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلىشى-بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىچكى-تاشقى سوغۇقلۇق تەسىرىدە فىزىئولوگىيلىك خىزمتىنىڭ بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە سۈيدۈك مىقدارىنىڭ كۆپىيشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

سوغۇق تەبىئەتتىكى دورا-دەرمەك،يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ياشاش سەۋەبىدىن بولىدۇ.سوغۇقلۇق ھەددىدىن زىيادە غالىپ كەلگەندە، بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى سۇسلىشىدۇ، ھۆللۈكنىڭ زىيادە كۆپىيىشى بۆرەك كانالچىلىرىنىڭ بوشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. سىزىمچانلىقىنى تۆۋەنلەشتۇرۇپ قايتا سۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقتىن سۈيدۈكنىڭ كۆپ كىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى:

تۇمۇرى توم ئاستا سالىدۇ. سۈيدۈك مىقدارى كۆپ بولۇپ،رەڭگى ئاق كېلىدۇ، بۆرەك ئۇدۇلى سوغۇق بېلىنىدۇ، ئاغزىدىن شال ئاقىدۇ. تىلدا ئاق گەز باغلايدۇ ۋە باشقا سوغۇقلۇققا خاس بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

قاننى جانلاندۇرغۇچى،ئومۇمى بەدەننى قىزىتقۇچى ئىسسىق تەبىئەتتىكى دورىلار ۋە يېمەكلىكلەر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282