busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 26670 قىتىم كۆرۈلدى

بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بوزۇلىشى

تۇنۇش:

بۆرەك مىزاجىنىڭ ماددىسىز ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى-بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىچكى تاشقى جەھەتتىكى ئىسسىقلىق كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن بۆرەكنىڭ ئانتومىيلىق تۈزۈلىشىدە ئۆزگىرىش بولماي،فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنىڭ بوزۇلىشى نەتىجىسىدە سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئازىيشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالار ۋە دورىلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق مۇھىتتا تۇرۇش، يۈقىرى ھارارەتلىك ئۇرۇنلاردا ئىشلەش قاتارلىقلار تەسىرىدە كېلىپ چىقىدۇ. چۇنكى بۆرەكنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھۆل سوغۇق كەيپىياتى تەسىرىدە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى بىجىرىدۇ. بىراق ئىسسىقلىق تەسىرىدە ھۆللۈككە مەلۇم ھارارەت تەسىر قىلسا ئۇنىڭ كەيپىياتىدا بۇرۇلۇش بولۇپ، قۇۋۋىتى دافىئەسى ئاجىزلاپ، ئەكىسچە قۇۋىتى ماسكەسى كۈچىيىپ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.

ئالامىتى:

تۇمۇرى تىز ئىنچىكە سالىدۇ، سۈيدۈكى قىزىل سېرىققا مائىل كېلىدۇ، بۆرەك ئۇدۇلى قىزىق بېلىنىدۇ. سۈيدۈك سەل ئېچىشىپ كېلىدۇ، سېسىق پۇرايدۇ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن سەسكىنىدۇ. تىلىنى سېرىق گەز باغلايدۇ. ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولىدۇ. سۇيدۈك مىقدارى ئاز بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى كۈچلۈك بولمىغان سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282